دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نورۇز بايرىمى تەبرىكلەنمەكتە

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا باھارنىڭ بېشارەتچىسى نورۇز بايرىمى تەبرىكلەندى.

1962619
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نورۇز بايرىمى تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ئاھالىسى (ئىراق) شەھەر مەركىزىدىكى تارىخىي كەركۈك قەلئەسى ۋە بابا گۈرگۈر باغچىسىدا باھارنىڭ بېشارەتچىسى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

كەركۈك خەلقى كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇزنى «دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق بايرىمى» دەپ تەسۋىرلەپ، ئۇنىڭ كەركۈك قاتارلىق دۆلەتنىڭ بارلىق شەھەرلىرىگە تىنچلىق ۋە مېھرى - مۇھەببەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىشتى.

ئىراقنىڭ باشقا نۇرغۇن شەھەرلىرىدىمۇ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىراندىمۇ ھەر يىلى شەمسىيە كالېندارىغا ئاساسەن، 21-مارت نورۇز بايرىمى تەبرىكلىنىدۇ؛ بۇ دائىرىدە پايتەخت تېھراندىكى «ئىران سودا – سارىيى (ئىران مالل)»دا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە مۇزىكىلىق فونتان ئۇسسۇلى ۋە چىراغ نومۇرلىرى ئىشتىراكچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكنىڭ ئات مەيدانىدىكى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى جەريانىدا ئات ئويۇنلىرى كۆرسىتىلدى.

ھاۋا رايىنىڭ گۈزەللىكىنى غەنىيمەت بىلگەن مىڭلارچە كىشى، قىرغىزلارنىڭ مىللىي بايلىقى ۋە ئۆتمۈشىگە سىمۋوللۇق قىلىدىغان ئات ئويۇنلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئات مەيدانىغا قاراپ سەل بولۇپ ئاقتى. پائالىيەتلەر ئەسناسىدا «كۆكبۆرە» نومۇرلىرىمۇ كۆرسىتىلدى.

ئاقساراي (ئامېرىكا) مۇ نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى؛ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ رەپىقىسى جىل بايدىننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىشىتراك قىلدى.

پىرېزىدېنت بايدىن «ئۆيۈڭلەرگە خۇش كەلدىڭلار» دەپ، ئىشتىراكچىلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى؛ ئۇ بۇ يىللىق نوزۇر بايرىمىنىڭ قىيىن شارائىتقا توغرا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارنى ئەسلەپ ئۆتتى.

پىرېزىدېنت جو بايدىن ئىراندىكى نامايىشلارغا ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ئىران خەلقى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر