ئەمىنە ئەردوغان خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان «8 – مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» نى تەبرىكلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان ئىمكانىيەتسىزلىكلەرگە قارىماي، ئىشلەپچىقىرىش ۋە پارلاق كېلەچەك بەرپا قىلىش ئىرادىسىدىن قىلچە ۋاز كەچمىگەن خانىم - قىزلارنىڭ «8 – مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» نى تەبرىكلىدى.
ئەمىنە ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە «8 - مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئچۇر ئېلان قىلدى.
ئەمىنە ئەردوغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «كېلەچىكىگە چىن دىلىدىن ئىنىشىدىغان جەمئىيەتلەرنىڭ تايانچ مەنبەسى ئاياللارنىڭ كۈچىدۇر. قەتئىي تەۋرەنمەس كۈرەش ئىرادىسى، مىسلىسىز ئەقىل – پاراسىتى ۋە تولۇپ تاشقان زېھنىي كۈچىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ھەرىكەت قىلىدىغان خانىم - قىزلىرىمىز ئارقىلىق ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ چىقالايدىغانلىقىمىزغا چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن. ئىمكانىيەتسىزلىكلەرگە قارىماي، ئىشلەپچىقىرىش ۋە پارلاق كېلەچەك بەرپا قىلىش ئىرادىسىدىن قىلچە ۋاز كەچمىگەن خانىم - قىزلارنىڭ <8 – مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى> نى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.»