گوگۇل خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە لوگو تەييارلىدى
گوگۇل «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە لوگو تەييارلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابونتلىرىغا مۇھىم كۈنلەرنى ياكى شەخسلەرنى ئۆزىنىڭ بېتىدە مەخسۇس تونۇشتۇرىدىغان گوگۇل شىركىتى «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» نىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى.
گۇگۇلنىڭ باش بېتىنى ئاچقانلار بۈگۈن (8-مارت) مەخسۇس تەييارلانغان ئالاھىدە لوگونى كۆرىدۇ.
ھەر خىل كەسىپتىكى ئاياللارنىڭ رەسىملىرىنى چەككەن ئابونتلار: «بۈگۈنكى 2023-يىللىق ئالاھىدە لوگومىزدا <خەلقئارا ئاياللار بايرىمى> نى تەبرىكلەيمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان بىنەپشە رەڭلىك ئۇچۇرنى كۆرىدۇ.
گوگۇل بۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن مۇھىم كۈنلەر، ھېيت بايراملار، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە تارىختىكى مۇھىم شەخىسلەرنى تونۇشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى نىشان قىلىدۇ.
ئالاھىدە لايىھەلەنگەن لوگونى چېكىش ئارقىلىق شۇ كۈنگە، شەخسلەرگە ۋە تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.