«8 – مارت خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى» كۈنى

بارلىق ئاياللارنىڭ «8 – مارت خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى» غا مۇبارەك بولسۇن!

1791661
«8 – مارت خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى» كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «8 – مارت خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى» كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، رەسمىي بېكىتىلگەن كۈن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، كۈندىلىك ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشان قىلىنىدۇ.

ھەر يىلى 8 – مارت كۈنى، خانىم – قىزلارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەرلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلىرى تەكىتلىنىدۇ: دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى، دەرد – ئەلەملىرى ۋە ئارزۇ – ئارمانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

كۈنىمىزدە دۇيانىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرىدە ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن باراۋەرلىك سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ئىش – ئىزلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەرمەكتە: ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەلەردە مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.  لېكىن، ئۇلار ئۆزلىرى ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەق – ھوقۇقلارنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى مەسىلىسىدە يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. مەكتەپتە ئوقۇشتىن مەھرۇم قېلىش، زوراۋانلىققا دۇچ كېلىش، خىزمەت جەريانىدا، ياكى ئائىلىدە ئايرىمچىلىققا دۇچ كېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر، ھازىرمۇ دۇنيانىڭ كۆپلىگەن ئەللىرىدە كۆزگە چېلىقىدىغان مەسىلىلەردۇر.

دۆلىتىمىزدە قىز بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش نىسبىتى، ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىبسىتى بارغانسېرى يۇقىرىلىماقتا. ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان زوراۋانلىقلارقا پۈتۈنلەي خاتىمە بېرىش يولىدا ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمەكتە، ھەمدە مۇھىم خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.

بىلىملىك، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان مەلۇماتلىق ئاياللار دۇنيانى ھەر جەھەتتىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى بولۇڭ پۇچقاقلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق ئاياللارنىڭ «8 – مارت خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى» غا مۇبارەك بولسۇن!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر