ھەپتىدە تۆت كۈن ئىشلەش سالامەتلىككە پايدىلىق

ئىشلەش كۈن سانىنى تۆت كۈنگە چۈشۈرۈش، خىزمەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ ساغلام ۋە خۇشال بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

1952219
ھەپتىدە تۆت كۈن ئىشلەش سالامەتلىككە پايدىلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر يېڭى تەتقىقات تەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ھەپتىدە تۆت كۈن ئىشلەش، قايغۇ ۋە بېسىمنى ئازايتىشتىن، ئۇيقۇ ۋە چېنىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىش نۇقتىسىدىن خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق ئىكەن.

ئەنگلىيەدىكى كەمبىرىج ئۇنىۋېرستېتى ئىجتىمائىي پەنلەر پىروفېسسورى، خىزمەت قىلىشنىڭ پىسخولوگىيەلىك پاراۋانلىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقات دوكلاتىنىڭ يازغۇچىسى برېندان بۇرشېل (Brendan Burchell) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئىلمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىجابىي نەتىجە بولدى» دېدى.

تەتقىقاتقا قاتناشقان ۋە كۆپىنچىسى ئەنگلىيەدىكى شىركەتلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەكىدە ئىشلەيدىغانلارغا دۈشەنبە ياكى جۈمە كۈنلىرى رۇخسەت بېرىلگەن. باشقا شىركەتلەردە، پىلان-پىروگراممىلىق ھالدا ياكى ھەپتە بويىچە ئىشلەش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان.

ئالتە ئايلىق سىناق مەزگىلىدە، خىزمەتچىلەرنىڭ ھەپتىلىك ئىشلەش ۋاقتى 38 سائەتتىن 34 سائەتكە چۈشۈرۈلگەن.

تەتقىقاتتا قەيت قىلىنىشىچە، تۆت كۈنلۈك ئىشلەشنىڭ نۇرغۇن خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئىكەن.

تەتقىقاتقا قاتناشقانلارنىڭ %40 ى خىزمەت توغرىسىدا ئاز بېسىم ھېس قىلغانلىقىنى، %71 ى ھارغىنلىق ھېس قىلىش دەرىجىسىنىڭ ناھايىتى بولغانلىقىنى ئېيتقان. يەنە %40 خىزمەتچى روھىي جەھەتتە ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان بولسا، كۆپ قىسىم خىزمەتچىلەر قايغۇ ۋە سەلبىي ھېسسىياتلىرىدا ئازىيىش كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان.

تەتقىقاتقا قاتناشقان خىزمەتچىلەرنىڭ تەخمىنەن %40 ى سىناق مەزگىلدە بەدەن ساغلاملىقىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولغانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلارغا، چېنىقىشقا، تاماق ئېتىشكە، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتالايدىغان بولغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىزمەتچىلەرنىڭ تەخمىنەن يېرىمى تەتقىقاتقا قاتنىشىشتىن ئىلگىرىكىدەك ھارغىنلىق ھېس قىلمايدىغانلىقىنى، %40 ى راھەت ئۇخلىيالايدىغان ھالغا كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر