تاشقى پىلانېتادا ئادەم بارمۇ؟

ھىندىستاننىڭ پۇنې شەھىرىدىكى گىگانت مېتىر-دولقۇن رادىيو تېلېسكوپى بىلەن سەييارەلەرنى كۆزىتىۋاتقان ئالىملار، ھىدروگېن ئاتوملىرى تەرىپىدىن تارقالغان يېڭى رادىيو سىگنالىنى بايقىدى.

1935303
تاشقى پىلانېتادا ئادەم بارمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا ماك گىل ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ھىندىستان تەبىئىي پەن ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىملىرى يېڭى رادىيو سىگنالىنى بايقىدى.

ئالىملار 8 مىليارد 800 مىليون يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى «SDSSJ0826+5630» ناملىق سامانيولىدىن كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن رادىيو سىگنالىنىڭ ھازىرغىچە بايقالغان سىگنالغا قارىغاندا تېخىمۇ يىراق نۇقتىغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىگنالنىڭ كائىنات 4 مىليارد 900 مىليون ياشقا كىرگەندە تارقىتىلغان دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى. ئالدىنقى رېكورت 4 مىليارد 100 مىليون يورۇقلۇق يىلى ئىدى.

سامانيولى يەرشارىدىن يىراقلاشقاندا رادىيو سىگنالى ئاجىزلايدۇ ۋە ھازىرقى تېلېسكوپلارنىڭ سىگناللارنى بايقىشى تەسكە توختايدۇ. بىراق، 12-ئايدىكى (2022) خان جەمەتى ئاسترونومىيە جەمئىيىتىنىڭ ئايلىق دوكلاتىدا ئېلان قىلىنغان يېڭى بايقاشلار، تېخىمۇ يىراق مۇساپىلەرنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكى توغرىسىدا كىشىگە ئۈمىد بېرىدۇ.

يېڭى بايقاشلار كائىناتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە يول ئېچىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر