ئالەم ئەخلىتىگە ئايلانغان سۈنئىي ھەمراھ يەر شارىغا قايتىپ كەلدى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) 1984-يىلى ئالەمگە قويۇپ بەرگەن رادىياتسىيە سۈنئىي ھەمراھى ئېربس (ERBS) يەر شارى ئاتموسفېراسىغا قايتىپ كەلدى.

1930665
ئالەم ئەخلىتىگە ئايلانغان سۈنئىي ھەمراھ يەر شارىغا قايتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناسا يىللاردىن بۇيان يەر شارىنىڭ ئەتراپىدا ئايلانغان ۋە 2005-يىلى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ئالەم ئەخلىتى ھالىغا كەلگەن 2 مىڭ 500 كىلوگىراملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ، بېرىڭ (Bering) دېڭىزى ئاسمىنىدىن يەر شارى ئاتموسفېراسىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سۈنئىي ھەمراھنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ كۆيۈپ كۈل بولغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئېربس سۈنئىي ھەمراھى ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ يەر شارىنىڭ رادىياتسىيە تەڭپۇڭلۇقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنى ئۆلچەشتە مۇھىم رول ئوينىدى. بۇنىڭدىن باشقا، يەر شارىنىڭ قۇياشتىن سۈمۈرگەن ياكى ئەكس ئەتتۈرگەن ئېنېرگىيە مىقدارى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن پايدىلىنىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر