مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ ۋىسال كۈنى خاتىرىلىنىدۇ

مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ ۋىسالغا يەتكەنلىكىنىڭ 749 – يىلىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق مۇراسىملىرى «شەبئى ئارۇس» كونيادا 7 – - 17دېكابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1916042
مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ ۋىسال كۈنى خاتىرىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوخشىمىغان دىن ۋە مەدەنىيەتلەردىن كىشىلەر، كونيادا «دوستلۇق ۋاقتى» تېمىسى ئاستىدا بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

كونيا، مەۋلىۋى ئەنئەنىسى (ساما)، يەرمەنكە، كونسېرت، تىياتىر ۋە سۆھبەت قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇدا 11 كۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن زىيارەتچىلەرنى مېھمان قىلىدۇ.

مەۋلانا جەلالىددىن رۇمى «ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىش، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىنى قۇچاقلاش ۋە باغرىغا بېسىش» دەپ ئاتىغان مول مەزمۇنلۇق ساما (مەۋلىۋى ئەنئەنىسى)، كۆرۈنۈشى ۋە جەزبىدارلىقى بىلەن ئىشتىراكچىلاردا چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر