ئىستانبۇل كۆۋرۈكلىرى شىمالىي قىبرىس بايرىقىنىڭ رەڭگىگە پۈركەندى
ئىستانبۇلدىكى 15 – ئىيۇل شېھىتلەر، فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋە ياۋۇز سۇلتان سەلىم كۆۋرۈكلىرى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 39 – خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن قىزىل - ئاق رەڭلەر بىلەن يورۇتۇلدى.
1906774
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلنىڭ سىمۋوللۇق جايلىرى ھېسابلىنىدىغان ئۈچ كۆۋرۈك شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقىنىڭ رەڭگى بولغان قىزىل – ئاق رەڭلەرگە پۈركەندى؛ قۇياشنىڭ پېتىشى بىلەن باشلانغان يورۇتۇش تاكى تاڭ ئاتقۇچە داۋاملاشتۇرۇلدى.