ت ر ت دە ئىشلەنگەن كارتون فىلىم 6 دۆلەتتە قويۇلىدۇ

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت سەپىرى مەزمۇن قىلىنغان تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى (TRT) دە ئىشلەنگەن «تاي» ناملىق كارتون فىلىم، 20 – ئۆكتەبىر كۈنى 6 دۆلەتتە قويۇلىدۇ.

1891407
ت ر ت دە ئىشلەنگەن كارتون فىلىم 6 دۆلەتتە قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، «‹ت ر ت ئۆسمۈرلەر› قانىلى» نىڭ مۇتەخەسسىس پىسخولوگلىرى، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇتەخەسسىسلىرى ۋە مەزمۇن تەھرىرلىگۈچىلەرنىڭ تۆھپە قوشۇشى نەتىجىسىدە تەييارلانغان بۇ فىلىم، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن، ئوممان ۋە كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەردە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە قويۇلىدىغان تۇنجى كارتون فىلىمى بولىدىغان بۇ فىلىمنى، تۈركىيەدە قويۇلغان ئۈچىنچى ھەپتىسى 300 مىڭدىن ئارتۇق كىشى كۆردى.

فىلىمدە، ئانىسىنى ئىزدەۋاتقان ساپ نەسىللىك بىر تاي بولغان «رىياھ» نىڭ، ئىزىغا چاۈشكەن ئوغرىلاردىن قېچىپ يۈرگەندە تونۇشقان قېرى تۆگە «جەبەل» بىلەن بىرلىكتە مەدىنەگە سەپەر قىلىش مۇساپىسى تەسۋىرلىنىدۇ.

3D كارتون فىلىمى ئارقىلىق بولۇپمۇ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ پىداكارلىق، ئۈمىد ۋە سۆيگۈ قاتارلىق ئۇقۇملار جەھەتتىن ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆيگۈىسىنى سىڭدۈرۈش نىشان قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر