ئەمىنە ئەردوغان «مەۋلۇت قەندىلى» نى تەبرىكلەپ ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىىسى ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ «مەۋلۇت قەندىلى» نى تەبرىكلەپ ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

1889765
ئەمىنە ئەردوغان «مەۋلۇت قەندىلى» نى تەبرىكلەپ ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىلاھىي رەھمەت ئەلچىسى، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز بۇ دۇنياغا قەدەم تەشرىپ قىلىشى بىلەن ياخشىلىق، گۈزەللىك ۋە خەير – ساخاۋەت ھەققىدە خۇش خەۋەر بېرىلگەن بۇ قۇتلۇق كېچە پۈتكۈل ئىنسانيەت ئۈچۈن بەرىكەت ۋە بەخت – سائادەت ئېلىپ كەلگەي. دۆلىتىمىز ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ <مەۋلۇت قەندىلى> نى تەبرىكلەيمەن.»

ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۆز ئاچقان كۈن بولغان «مەۋلۇت قەندىلى»، بۈگۈن ئىدراك قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر