نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ئۈچ ئالىمغا بېرىلدى

2022-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى ئۈچ فىزىكا ئالىمىغا بېرىلدى.

1888312
نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ئۈچ ئالىمغا بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:فىرانسيەلىك فىزىكاشۇناس ئالايىن ئاسپېكت (Alain Aspect) كۇۋانتوم مېخانىكىلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرى، ئامېرىكالىق نەزەرىيەچى ۋە تەجرىبە فىزىكاشۇناس جون ف.كلاۋسېر (fizikçi John F. Clauser) ۋە ئاۋستىرالىيەلىك كۇۋانتوم فىزىكاشۇناس ئانتون زېيلىنگېر (Anton Zeilinger) 2022-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

شىۋېتسىيە خان جەمەتى بىلىم ئاكادېمىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنىڭ ئۈچ ئالىمغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، ئالايىن ئاسپېكت، جون ف.كلاۋسېر ۋە ئانتون زېيلىنگېر ئايلىنىۋاتقان زەررىچىلەرنى كونترول قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش يوشۇرۇن كۈچىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى 1901-يىلدىن تارتىپ ھەر يىلى فىزىكا ساھەسىدە ئىنسانىيەتكە مۇھىم تكھپىلەرنى قوشقان كىشىلەرگە بېرىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر