تۈركىيە 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلىمەكتە

بۈگۈن 30-ئاۋغۇست زەپەر، غەلىبە بايرىمى، بۈگۈن تۈركىيە ئارمىيەسى بايرىمى.

1873723
تۈركىيە 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈيۈك داھى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك قوماندانلىقىدىكى تۈركىيە ئارمىيەسى 1922-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى باشلىنىپ، 30-ئاۋغۇستتا غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشقان شىددەتلىك ھۇجۇم ۋە باش قوماندانلىق مەيدان جېڭىنىڭ 100 – خاتىرە يىلى تۈركىيە مىقياسىدا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرىدا تەبرىكلەنمەكتە.

بۈيۈك غەلىبە، بۈيۈك زەپەرنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە 913 مۇزىكانت نومۇر ئورۇندىغان ئالاھىدە پىروگرامما ئۆتكۈزۈلىدۇ.

30-ئاۋغۇست غەلىبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانى ۋە ئىزمىرنىڭ جۇمھۇرىيەت مەيدانلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلىنىدۇ.

زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئانتاليا ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچىلار زاللىرى قىزىل ۋە ئاق شارلار بىلەن بېزەلدى. ئوپېرا ناخشىچىلىرى تېرمىنالدا دۆلەت مارشىنى ئوقۇدى، فولكلور ئەترىتى ئۇسسۇللىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزلىرىگە جەلپ قىلىۋالدى.

30-ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلەش پىروگراممىلىرى دائىرىسىدە مەرسىندىكى جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

30-ئاۋغۇست زەپەر ۋە ئارمىيەسى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدىكى تۈرك شېھىتزارلىقىدىمۇ خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر