لىۋانغا ئىنسانپەرۋەرلىك بۇيۇملىرى ئەۋەتىلدى

تۈركىيەدىن لىۋانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزىدىغان 23 يۈك ئاپتوموبىلىنى توشۇغان پاراخوت، مەرسىندىن مۇراسىم بىلەن ئۇزۇتۇپ قويۇلدى.

1872074
لىۋانغا ئىنسانپەرۋەرلىك بۇيۇملىرى ئەۋەتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەرسىن ۋالىي مەھكىمىسى لىۋانغا ئىنسانپەرۋەرلىك بۇيۇملىرى يەتكۈزىدىغان پاراخوتنىڭ مۇراسىم بىلەن يولغا چىققانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقى ھەمدە تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كوردىناتسىيەسى ئاستىدا تەييارلانغان 511.7 توننا يېمەك-ئىچمەك بۇيۇملىرىنى توشۇغان 23 يۈك ئاپتوموبىلىدىن تەركىپ تاپقان ئەترەت، «ياخشىلىق پاراخوتى» لەڭگەر تاشلىغان تاشئۇجۇ پورتىغا يېتىپ كەلگەن.

مۇئاۋىن ۋالىي ئىبراھىم كىچىك مۇراسىمدا، لىۋانغا ئەۋەتىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى دائىرىسىدە 4-پاراخوتنىڭ يولغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ لىۋان خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداشتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز مەرھەمەت تۇيغۇلىرى يۇقىرى بولغان تۈركىيە خەلقىنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە ياردەمسۆيەرلىكى بىلەن بۇ يەردىن ئەۋەتىدىغان ياردەملەرنىڭ لىۋاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش چارەسى بولۇشىغا تىلەكداشمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر