ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ چوڭ جامەسى ئېچىلدى

قازاقىستاندا قۇرۇلۇشى تاماملانغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ چوڭ جامەسى ھېسابلىنىدىغان «بۈيۈك نۇر سۇلتان جامەسى» مۇراسىم ئارقىلىق ئېچىلدى.

1867387
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ چوڭ جامەسى ئېچىلدى
nur sultan cami.jpg
nur sultan cami avize.jpg
nur sultan cami.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت نۇر سۇلتاندا ياسالغان جامەنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، قازاقىستاننىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە، رۇسىيە ۋە مىسىردىن دىنىي دائىرىلەر، قازاقىستاندىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى ۋە كۆپ ساندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەنسۇپلىرى ئىشتىراك قىلدى.

نەزەربايېۋ، مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، جامە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق ھۆددىگىرى بولغان تۈركىيەلىك كارخانىچى فەتتاھ تامىنجە، سىمۋول قۇرۇلۇش گۇرۇھى ۋە خىزمەتچى - خادىملىرىغا رەھمەت ئېيتتى.

ئېچىلىشتىن كېيىن، جامەدە جۈمە نامىزى ئوقۇلدى.

كۆلىمى تەخمىنەن 68 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان «بۈيۈك نۇر سۇلتان جامەسى»، ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ جامە ھېسابلىنىدۇ.

لايىھەلەش ۋە قۇرۇلۇش جەھەتتە نۇرغۇن ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇ جامە، دۇنيادىكى 10 چوڭ جامەدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

بىرلا ۋاقىتتا 35 مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدىغان، ئىسلام مۇزېيى، كۇتۇپخانا، توي زالى، قۇرئان كەرىم دەرسخانىلىرى، يىغىن زالى ۋە ئۈستى يېپىق  ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بۈيۈك نۇر سۇلتان جامەسى» نىڭ، دۆلەتنىڭ يېڭى سىمۋوللىرىدىن بىرى بولۇشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر