تۈركىيە - كىرودىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 30 – يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلەنمەكتە

كىرودىيە پايتەختى زاگرېبتا ئۆتكۈزۈلگەن «كىرودىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ 30 يىللىق دوستانە مۇناسىۋىتى» تېمىلىق كۆرگەزمە زىيارەتچىلەرنى كۈتمەكتە.

1843524
تۈركىيە - كىرودىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 30 – يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن كىرودىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 - يىللىقىغا دىققەت تارتىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە، تۈركىيەنىڭ زاگرېبتىكى ئەلچىخانىسى، كىرودىيە تۈرك دوستلۇق جەمئىيىتى (HTUP) نىڭ ھەمكارلىقىدا زاگرېب يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى (YEE) دا ئېچىلدى.

تۈركىيەنىڭ زاگرېبتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇستاپا بابۇر ھىزلان كۆرگەزمىنىڭ تۇنجى قېتىم كىرودىيە پارلامېنتىدا ئېچىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ كۆرگەزمە پارلامېنتلىرىمىز ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە تەييارلاندى ۋە ھازىر يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى سايىسىدا ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى» دېدى.

باش ئەلچى ھىزلان كۆرگەزمىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسەتتىن مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيەگىچە بولغان بارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كىرودىيە تۈرك دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گوران بىئۇس رىچمبېرگمۇ كۆرگەزمە مەقسىتىنىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ساھەلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كىرودىيە تاشقى ئىشلار ۋە ياۋروپا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى فىرانو ماتۇسىچ يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش لىنتىسىنى كەستى.

فىرانو ماتۇسىچ: «بۇ كۆرگەزمە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە تەنتەربىيە مۇناسىۋىتىمىزنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى ياخشى سەۋىيەدە كېتىۋاتىدۇ» دېدى.

كۆرگەزمىنىڭ كىرودىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە شۇنداقلا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېتى) دىمۇ ئېچىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر