دىنو مېرلىن تۈركىيەدە كونسېرت بەردى
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنالىق ناخشىچى دىنو مېرلىن تۈركىيەدە كونسېرت بەردى.
1837279
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىنو مېرلىن «پايتەخت مەدەنىيەت يولى بايرىمى» پائالىەتلىرى دائىرىسىدە پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى سىمفونىيە ئوركېستىرىنىڭ «ئادا ئەنقەرە چوڭ زالى»دا ئۆتكۈزۈلگەن كونسېرتتا ئالقىشقا ئېرىشكەن ناخشىلىرىنى ناخشا - مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئورۇندىدى.
كۆپ ساندىكى ناخشىغا تاماشىبىنلارمۇ جۈر بولغان كونسېرتنىڭ ئاخىرىدا، مېرلىننىڭ مەستانىلىرى ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.