فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى ئەزەربەيجان بايرىقىنىڭ رەڭلىرىگە پۈركەندى
ئەزەربەيجاندا جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 104 – خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى ئەزەربەيجان بايرىقىنىڭ رەڭلىرىگە پۈركەندى.
1834179
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھىم كۈنلەردە رەڭ ۋە نۇرلار بىلەن يورۇتۇلىدىغان ئىستانبۇلنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى، بۇ قېتىم ئەزەربەيجاندا جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغان 104 – خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەنگەن «جۇمھۇرىيەت كۈنى» دائىرىسىدە قېرىنداش دۆلەتنىڭ بايرىقىنىڭ رەڭلىرىگە پۈركەندى.