29- ماي ئىستانبۇل پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 569 - خاتىرە كۈنى

بۈگۈن «29 – ماي، ئىستانبۇلنىڭ پەتھى» قىلىنىشىنىڭ 569 - خاتىرە يىلى...

1834229
29- ماي ئىستانبۇل پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 569 - خاتىرە كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھەقىقىي گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشىنى ۋىزانتىيە تېرروتېرىيەلىرىنى پەتھى قىلىش (بويسۇندۇرۇش) ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇردى.  ھەم ئانادولۇدا ھەم رۇمئېلىدا ئىشقا ئشقان پەتىھلەر نەتىجىسىدە، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى پەقەت ئىستانبۇلدىنلا ئىبارەت بىر شەھەر دۆلىتىگە ئايلاندى. 1453 – يىلىغا كەلگەندە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى پادىشاھى فاتىھ سۇلتان مەھمەت خان، ئىستانبۇلنىڭ ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قولىدا بولۇشىنىڭ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، قۇدەرتلىك قوشۇن بىلەن ئىستانبۇلنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئۇزۇن داۋاملاشقان مۇھاسىرە جەريانىدا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى قوشۇنى ئىشلەتكەن تېخنولوگىيە ۋە توپلار، 1453 – يىلى، 29 – ماي كۈنى، ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئىستانبۇل ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى بولدى. ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋرنى باشلاتقان ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشى، دۇنيا تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، غەربتە ئىسلاھات ۋە ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ قوزغاتقۇچىسى بولدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر