ت ر ت نىڭ 6 دۆلەت بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەن «قايغۇ ئۈچ بۇرجىكى» ناملىق يېڭى فىلىمى

ت ر ت نىڭ 6 دۆلەت بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە ئالغان (Triangle of Sadness) «قايغۇ ئۈچ بۇرجىكى» ناملىق فىلىمى، 75-نۆۋەتلىك كاننېس فىلىم فېستىۋالىنىڭ ئاساسلىق مۇسابىقىسىغا قاتناشتۇرۇلدى.

1830690
ت ر ت نىڭ 6 دۆلەت بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەن «قايغۇ ئۈچ بۇرجىكى» ناملىق يېڭى فىلىمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پالما مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رېژىسسور رۇبېن ئوستلۇندنىڭ تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT)  بىلەن ئورتاق ئىشلىگەن يېڭى فىلىمى (Triangle of Sadness) «قايغۇ ئۈچ بۇرجىكى»، 75-نۆۋەتلىك كاننېس فىلىم فېستىۋالىنىڭ ئاساسلىق مۇسابىقە بۆلىكىدىن ئورۇن ئالدى.

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا،  ت ر ت مۇئاۋىن باش مۇدىرى زىياد ۋارولمۇ مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغان.

تۈركىيە، شىۋېتسىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، شىۋېيتسارىيەۋە گىرېتسىيە بىرلىكتە ئىشلىگەن بۇ فىلىمدە ياش مودېل ئەر-ئايال، كارل ۋە يايانىڭ مىلياردېر يولۇچىلار ئولتۇرغان دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك پاراخوتتىكى ساياھەتىدە باشتىن كەچۈرگەن ۋەقەلەر باش تېما قىلىنىدۇ.

75-نۆۋەتلىك كاننېس فىلىم فېستىۋالىنىڭ مۇكاپاتلىرى 28-ماي (2022) كەچتە تارقىتىلىدۇ.


خەتكۈچ: #فىلىم , #ت ر ت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر