ھىندىستاندا ئەزان چەكلەندى

ھىندىستاننىڭ ماخاراشتىرا ئۆلكىسىدە جامەلەردە ئەزان چەكلەندى.

1825458
ھىندىستاندا ئەزان چەكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماخاراشتىرا ئۆلكىسىدە، ھىندىلارنىڭ ئەزاندىن شىكايەتچى بولۇشىدىن كېيىن، 900 دىن ئارتۇق جامەدە ئەزاننىڭ چەكلىنىشى قارار قىلىندى.

بومبايدا مۇسۇلمانلار بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كوچىلاردا ئۈنلۈك ئاۋازدا ئەزان توۋلىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ماخاراشتىرا ئۆلكىسىدە 10 مىليون مۇسۇلمان ياشايدىغان بولۇپ، تەخمىنەن بىر يېرىم مىليارد نوپۇسلۇق ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 200 مىليون  ئىكەن.

ئالدىنقى ئايدا بۇ دۆلەتنىڭ كارناتاكا ئۆلكىسىدىكى مەكتەپلەردە ياغلىق چېگىش چەكلەنگەن، پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىدا تالاش – تارتىشلار ۋە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر