پاكىستاندا ياشاۋاتقان تۈركلەر مۇھتاجلارغا ئىپتار زىياپىتى بەردى

پاكىستاندا ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرى ئېھتىياجلىق 250 تىن ئارتۇق كىشىگە ئىپتار زىياپىتى بەردى.

1818748
پاكىستاندا ياشاۋاتقان تۈركلەر مۇھتاجلارغا ئىپتار زىياپىتى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادنىڭ 11 – گ رايونىدا ئىپتار ۋاقتىغا بىرقانچە سائەت قالغاندا تەييارلىقلار باشلاندى.

پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان تۈرك ئوقۇغۇچىلار قۇرغان ئاممىۋى تەشكىلات پاكىستان مەكتەپداشلار ۋە مەنسۇپلىرى جەمئىيىتى (PAMDER) قارمىقىدىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىپتار داستىخىنى تەييارلاش ۋە تاماق تارقىتىشقا ياردەم بەردى.

تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە تەيييارلانغان ئىپتار داستىخىنىدا 250 دىن ئارتۇق مۇھتاجلارغا ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر