دانىيەلىك سىياسەتچىنىڭ يېڭى ئىغۋاگەرچىلىكى

دانىيەلىك ئەسەبىي ئوڭچىل تار يۆنىلىشلىك پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى راسمۇس پالۇدان، شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولىمدا ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشتەك ئىغۋاگەرچىلىكىنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىدى.

1813164
دانىيەلىك سىياسەتچىنىڭ يېڭى ئىغۋاگەرچىلىكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رىنكېبى مەھەللىسىدە، جۈمە نامىزىدىن كېيىن قۇرئان كەرىمنى  كۆيدۈرۈشكە ئىجازەت ئالغان پالۇدان، بۇ قىلمىشىنى يۈزلەرچە ساقچىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا سادىر قىلدى.

كېيىن يەنە، مەزكۇر رايوندا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلغان راسمۇس پالۇدانغا، ئەتراپتا يىغىلغان گۇرۇپپا  نارازىلىق بىلدۈردى، ھەمدە ساقچىلاردىن پالۇداننى نەق مەيداندىن يىراقلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى، ساقچىلار بولسا گۇرۇپپىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى.

ئارقىدىنلا، گۇرۇپپا بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا  توقۇنۇش يۈز بەردى. ساقچىلارغا تاشلار بىلەن ھۇجۇم قىلغان گۇرۇپپىدىن 8 كىشى قولغا ئېلىندى.

پالۇدان، ئالدىنقى كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ جونكوپىڭ شەھىرىدە  قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنىدى. كېيىن، لىنكوپىڭ ۋە نوركوپىڭ شەھەرلىرىدە قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرمەكچى بولغان پالۇدانغا، 200 كىشىلىك گۇرۇپپا نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى. گۇرۇپپىدىن ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان 3 كىشى قولغا ئېلىنغان، 3 ساقچى يارىلانغانىدى.

ۋەقەدە نۇرغۇن ساقچى ئاپتوموبىللىرى ۋەيران بولغان، 2 ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇپ بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر