توگ يېڭىلىقلىرىنى دۇنياغا تونۇشتۇردى

تۈركىيەنىڭ يەر شارى ماركاسى بولغان توگ (Togg) دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىستېمالچىلار ئېلېكترون يەرمەنكىسى «CES 2022» دە، تۇنجى يېڭىلىقلىرىنى زىيارەتچىلەرگە تونۇشتۇردى.

1758084
توگ يېڭىلىقلىرىنى دۇنياغا تونۇشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ لاس ۋېگاس شەھىرىدە 5-7-يانۋار (2022) كۈنلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «CES 2022» يەرمەنكىسىگە يەرلىك ئاپتوموبىل بىلەن قاتناشقان توگ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۇنجى يېڭىلىقلىرىنى ۋە كېلەچەككە قاراش نۇقتىئىينەزىرىنى نامايان قىلغان «TransitionConceptSmartDevice» ناملىق ئاپتوموبىلىنى تونۇشتۇردى.

توگ باشلىقى گۈرجان كاراكاش ئۆزلىرىنىڭ كلاسسىك ئاپتوموبىل شىركىتى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئۆزىمىزنى تېخنولوگىيە شىركىتى دەپ بىلىمىز. شۇڭا، تېخنولوگىيەدىكى ئەڭ يېڭى يېڭىلىقلار ۋە تۇنجىلارنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسى بولغان مەزكۇر يەرمەنكىگە قاتناشتۇق. بىز شەرق بىلەن غەرب، ئەقىل بىلەن تۇيغۇ ئۇچراشقان جۇغراپىيەدە قۇرۇلغان، يۆتكىلىشچان ساھەدە مەشغۇلات قىلىدىغان تېخنىكا شىركىتى ھېسابلىنىمىز. بىز ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ تېز يۆتكىلىشچان ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا ئايلىنىۋاتقان يېڭى دۇنيادا ئىستېمالچىلارنى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى مەركىزىمىزگە ئېلىپ، ھەرىكەتچان ھەل قىلىش چارىسى تاپىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر