ئالتۇن ئۇچۇر - ئالاقە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
فاھرەتتىن ئالتۇن «ئۇچۇر – ئالاقە ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى بىلەن يېڭى بىر دۇنيا قاراشنىڭ شەكىللىنىشىگە قوشقان تۆھپىلىرى» سەۋەبلىك «يىلنىڭ مۇنەۋۋەر ئۇچۇر – ئالاقە مۇكاپاتى»غا لايىق كۆرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئۇچۇر – ئالاقە مۇنەۋۋەر مۇكاپاتى»غا لايىق كۆرۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن: «بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشىمغا ئەمگىكى سىڭگەن، كېچە – كۈندۈز دېمەستىن خىزمەت قىلغان بارلىق سەپداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.
فاھرەتتىن ئالتۇن «ئۇچۇر – ئالاقە ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى بىلەن يېڭى بىر دۇنيا قاراشنىڭ شەكىللىنىشىگە قوشقان تۆھپىلىرى» سەۋەبلىك «يىلنىڭ مۇنەۋۋەر ئۇچۇر – ئالاقە مۇكاپاتى»غا لايىق كۆرۈلدى. ئۇ مۇكاپاتىنى تۈنۈگۈن كەچتە پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئانادولۇ نەشرىياتچىلار جەمئىيىتىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك ئانادولۇ مېدىيا مۇكاپاتلىرى مۇراسىمىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قولىدىن ئالدى.
فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا ئانادولۇ نەشرىياتچىلار جەمئىيىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ: «ئۇچۇر – ئالاقە ساھەسىدىكى خىزمەتلىرىمىز يۈزىسىدىن بىزگە بۇ مۇكاپاتنى بېرىشنى لايىق كۆرگەن ئانادولۇ نەشرىياتچىلار جەمئىيىتىگە رەھمەيت ئېيتىمەن. بۇ مۇكاپاتنى جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ قولىدىن ئېلىشى بىزنى ئالاھىدە ئىپتىخارلاندۇردى. بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشىمغا ئەمگىكى سىڭگەن، كېچە – كۈندۈز دېمەستىن خىزمەت قىلغان بارلىق سەپداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن. بارلىق سەپداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ ئىرادىسى ۋە دۇنيا قارىشىنى بويلاپ پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.