ئامېرىكادىكى سۈنئىي ھەمراھ يەرمەنكىسىدە تۈركىيە شىركەتلىرى ئۆزىنى نامايان قىلدى

ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ 2021-يىللىق ساتېللايت (Satellite) سۈنئىي ھەمراھ يەرمەنكىسى تۈنۈگۈن (8-سېنتەبىر) مارىلەند ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

1705074
ئامېرىكادىكى سۈنئىي ھەمراھ يەرمەنكىسىدە تۈركىيە شىركەتلىرى ئۆزىنى نامايان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ مارىلەند ئىشتاتىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ 2021-يىللىق ساتېللايت سۈنئىي ھەمراھ يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى. يەرمەنكىگە، تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇرات مەرجان بىلەن تۈركىيە مۇئاۋىن قاتناش مىنىستىرى ئۆمەر فاتىھ سايان قاتناشتى.

تۈركىيەنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ساھەسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈركسات (Türksat) سۈنئىي ھەمراھى شىركىتى، تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتى شىركىتى-تۇساش (TUSAŞ)، پروفەن (PROFEN) يەرمەنكە زاللىرى ئىچىدىن ئورۇن ئالدى.

يەرمەنكىنىڭ بىرىنچى كۈنىنىڭ ئاخىرىدا، تۈركسات، تۇساش ۋە پروفەن شىركەتلىرىنىڭ ساھىبخانلىقىدا، تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانا بىناسىدا كەچلىك تاماق زىياپىتى بېرىلدى.

باش ئەلچى مۇرات مەرجان زىياپەتتە، تۈركىيەنىڭ ئالەم ۋە سۈنئىي ھەمراھ ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

مۇئاۋىن قاتناش مىنىستىرى ئۆمەر فاتىھ سايان تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 20 يىلدا ئالەم ۋە سۈنئىي ھەمراھ تېخنولوگىيەلىرىدە تېز تەرەققىياتنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ يەردە، تۈركسات، تۇساش، پروفەنگە ئوخشاش شىركەتلىرىمىز ۋە باشقا مۇھىم شىركەتلىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى كۆرۈشتىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىمەن. بۇ ساھەدە تېخىمۇ چوڭ لايىھەلەر ۋە تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر بىزنى كۈتمەكتە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر