ناسا ئالەمدە پىيادە مېڭىشنى كېچىكتۈردى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) ئاسترونوملاردىن بىرىنىڭ تىببىي جەھەتتە مەسىلىگە يولۇققانلىقى سەۋەبىدىن ئالەم پونكىتىدىكى پىيادە مېڭىشنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى.

1696395
ناسا ئالەمدە پىيادە مېڭىشنى كېچىكتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) ئاسترونوملاردىن بىرىنىڭ تىببىي جەھەتتە مەسىلىگە يولۇققانلىقى سەۋەبىدىن ئالەم پونكىتىدىكى پىيادە مېڭىشنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى.

ناسا مەسئۇللىرى ئاسترونوم ۋاندە خېينىڭ «كىچىك تىببىي مەسىلە» گە يولۇققانلىقىنى، مەسىلىنىڭ چوڭ ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئارمىيە پېنسىيونىرى بولغان 54 ياشلىق ۋاندە خېي ئاپرېل ئېيىدىن بۇيان ئالەم پونكىتىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بىر يىللىق ۋەزىپە ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى يىل (2022) باھارغىچە ئالەم پونكىتىدا تۇرىدۇ.

ۋاندە خېي بىلەن ياپونىيەلىك ئاسترونوم ئاكىھىكو ھوشىدە سەيشەنبە كۈنى (بۈگۈن) سىرتقا چىقىپ، يېڭى قۇياش قانىتىغا ئۈسكۈنە ئورنىتىشى كېرەك ئىدى.

ئالەم يۈرۈشى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر