پىسخىكا تارىخى مۇزېيى

دىدەم گۈنەرى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «پىسخىكا تارىخى مۇزېيى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1692023
پىسخىكا تارىخى مۇزېيى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەدىرنەدە بىر «پىسخىكا تارىخى مۇزېي»نىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاش ئەمەلىيەتتە ئوسمانلى تۈرك پىسخىكا دوختۇرلىرىنىڭ كەشپىياتى ئەمەس ئىدى. ئەمما، ئىلمىي تەتقىقاتلىرى بىلەن پىسخىكا ساھەسىدىمۇ زامانداشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن ئوسمانلى تۈرك پسىخولوگلىرى، مۇزىكا بىلەن داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. 1488-يىلى ئەدىرنەدە سۇلتان بايەزىد II قۇرغان شىپاخانىنىڭ روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە، بىمارلار مۇزىكا بىلەن داۋالىنىشنى ئارزۇ قىلاتتى. مۇزىكىنىڭ ئىنسان روھىغا كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرى ھەققىدە يېتەرلىك بىلىم ۋە تەجرىبىگە ئىگە بولغان تېۋىپ بېشى، ئالدى بىلەن بىمارلارغا ھەر خىل مۇزىكىلارنى تىڭشىتىپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تەكشۈرەتتى ۋە ئۇلارغا مۇۋاپىق مېلودىيەنى بېكىتەتتى. ئاخىرىدا ئوخشاش خۇسۇسىيەتتىكى بىمارلارنى بىر يەرگە توپلايتتى.

ئوسمانلى تۈرك پسىخولوگلىرى تەرىپىدىن ئىلمىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللىنىلغان «مۇزىكىلىق داۋالاش» ئۇسۇلى ھازىرقى زامان پىسخىكا ئىلمىدا بىر يېڭىلىقتەك قىلىپ كۆرسىتىلمەكتە ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇنىڭدىن ئەسىرلەر ئىلگىرىكى داۋالاش ئۇسۇلللىرىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە ئەدىرنەدىكى سۇلتان بەيازىد IIشىپاخانىسىدا  تۈرك روھىي كېسەللىكلەر مۇزېيى ئېچىلدى. شىپاخانىنىڭ ئۆزىگە خاس مۇھىتى ۋە ئۆز دەۋرىگە مۇۋاپىق كىيىملەر كىيدۈرۈلگەن تىۋىپ بېشى، ياردەمچىلىرى، بىمارلار، مۇزىكانتلار ۋە كېسەللەرگە قارىغۇچىلار (سىستېرالار) مودېللار ئارقىلىق تەسۋىرلىنىپ، نۇر ۋە ئاۋاز  سىستېمىلىرى بىلەن كۆرگەزمە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر