فىرانسىيە مۇسۇلمانلار نىشان قىلىنغان تالاش – تارتىشلىق قانۇننى ماقۇللىدى

فىرانسىيەدە ئاساسىي قانۇن كېڭىشى مۇسۇلمانلار نىشان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدكە ئۇچرىغان ۋە «ئايرىمچىلىق قانۇنى» دەپ ئاتالغان تالاش-تارتىشلىق «جۇمھۇرىيەتنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى كۈچەيتىدىغان پىرىنسىپلار» قانۇنىنى ماقۇللىدى.

1691031
فىرانسىيە مۇسۇلمانلار نىشان قىلىنغان تالاش – تارتىشلىق قانۇننى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئاساسىي قانۇن كېڭىشى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، قانۇن تەكلىپى 60 پارلامېنت ئەزاسى ۋە 60 كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى تەرىپىدىن ئاساسىي قانۇن كېڭىشىگە سۇنۇلغان بولۇپ، كېڭەش ئەزالىرى، باسقۇچنىڭ 6 ئاي داۋاملىشىش مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭ جەمئىيەت ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، قانۇننىڭ بىكار قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان جەمئىيەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىش توغرىسىدىكى 16-ماددىنى رەت قىلغان.

قانۇننىڭ، جۇمھۇرىيەتنىڭ پىرىنسىپلىرىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر چەت ئەللىككە تۇرۇش كىنىشكىسى بېرىلىشى، ياكى تۇرۇش كېنىشكىسىنىڭ تارتىۋېلىنىشىغا دائىر 26-ماددىسىنى قوبۇل قىلمىغان كېڭەش، باشقا ماددىلارنى ماقۇللىغان.

ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ بولغان فىرانسىيە، «جۇمھۇرىيەتنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى كۈچەيتىدىغان پىرىنسىپلار» ناملىق قانۇن ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈن تەنقىدكە ئۇچرىماقتا.

بۇ قانۇن، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ «دىنىي بىتەرەپلىكى» گە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئائىلە تەربىيەسىنى يولغا قويۇشنى، ئائىلىلەرنىڭ بايانىنى يېتەرلىك دەپ قارايدىغان تۈزۈمدىن،  ئالاقىدار تارماقلارنىڭ رۇخسىتىنى تەلەپ قىلىدىغان تۈزۈمگە ئۆزگەرتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ قانۇن يەنە، ئىنتېرنېتتە سادىر قىلىنغان نەپرەت جىنايەتلىرىنى جازالايدىغان، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى قوغدايدىغان ماددىلارنى، ھەمدە جەمئىيەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا باشقۇرۇلۇشىغا ئىلاۋە ھالدا، قىزلىق كېنىشكىسى، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ۋە مەجبۇرىي نىكاھقا قارشى كۈرەشكە مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«ئايرىمچىلىق قانۇنى» لايىھەسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، دۆلەتتە جامە ۋە مەسچىتلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملار، ئوت قويۇش قاتارلىق ھادىسىلەر كۆپىيىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر