تارىختىكى تۇنجى پەلسەپە مەكتىپى — مىلېتۇس

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىسىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، تارىختىكى تۇنجى پەلسەپە مەكتىپى — مىلېتۇس ۋە ئىلىم – پەننىڭ يولىنى ئاچقان ئانادولۇلۇق پەيلاسوپلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

1638919
تارىختىكى تۇنجى پەلسەپە مەكتىپى — مىلېتۇس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بىر زامانلاردا ئاتومغا «مەلۇم نەرسىنىڭ ئەڭ كىچىك پارچىلانماس قىسمى» دەپ ئېنىقلىما بېرىلدى. سىزنىڭ قارىشىڭىزچە، ئۇ ئېنىقلىما قاچان بېرىلگەندۇ؟ تەسەۋۋۇر قىلىنغىنىنىڭ ئەكسىچە، ئاتوم بىز ياشاۋاتقان زامانىۋى دەۋرنىڭ بايقاشلىرىنىڭ بىرى ئەمەس، شۇنداقلا بۇ ئېنىقلىمىمۇ زامانىۋى دەۋرگە مەنسۇپ ئەمەس. دەۋرىمىزدە ئاتومغا بۇ شەكىلدە ئېنىقلىما بېرىلمەيدۇ. ئۇنىڭغا پارچىلانماس ئەڭ كىىچك بىرلىك دەپ ئېنىقلىما بەرگەنلەر قەدىمكى دەۋرنىڭ پەيلاسوپلىرى ئىدى. ھەممە نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى ئىزدەش ئىدىيەسى قەدىمكى دەۋرنىڭ ۋە پەلسەپەنىڭ يەتتە دانىشمىنىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان تالېستىن باشلىنىدۇ. تالېس مىلېتۇسلۇق بولۇپ، بۈگۈنكى ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىسمى مىلېتۇس ئىدى. تالېستىن ئىلگىرى، ئىئونىيەلىكلەر ھەممە نەرسىنىڭ ئىلاھلار تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقى ۋە باشقۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. تالېس تەبىئىي ھادىسىلەرنى ئىنسان شەكلىدىكى تەڭرىلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشنىڭ ئورنىغا، كۆزىتىش ئارقىلىق پاكىتقا ئېرىشىشكە ئۇرۇندى. بەلكىم ئۇ ئىلمىي تەپەككۇرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى دەسلەپكى قەدەمنى باسقان بولۇشى مۇمكىن... ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ ئاساسلىق ماددىسى ۋە ئاساسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە قىزىقتى؛ ئەپسانىۋى چۈشەندۈرۈشلەرگە قانائەت قىلىپ كۇپايىلەنمىدى. ئۇ سۇنىڭ تەبىئەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەتقىق قىلدى. كۆزىتىش ۋە ئەقىلىي چۈشەندۈرۈشلەر نەتىجىسىدە تەبىئەتتىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسى توغرىسىدا بىر پىكىر ئوتتۇرىغا قويدى. تالېس ئۆزىنىڭ ئوي - پىكىرلىرىنى يېزىپ قالدۇرمىغاچقا، ئۇنىڭغا دائىر ئۇچۇرلارغا قەدىمكى پەلسەپەنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك مەنبەلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالغان ئارىستوتىل ئارقىلىق ئېرىشىمىز. ئارىستوتىل، تالېس مەزكۇر ئىزدىنىشلىرى نەتىجىسىدە «سۇ ھەممە نەرسىنىڭ جەۋھىرى، ھەممە نەرسە سۇدىن باشلىنىدۇ» دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى، دېگەنلەرنى قەيت قىلىدۇ. بۈگۈن بىز بۇ پىكىرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىمىز. ئەمما تالېسنىڭ ئۇ «تۇنجى قەدىمى»، ئۇ «ماھىيەت»نى ئىزدىشى ئۇنى ھەم پەلسەپەنىڭ ئاتىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى، ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر مەسىلىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈپ، ئىشنى ئاتومغىچە ئېلىپ باردى.

* * * * *

تالېستىن كېيىن ئۆتكەن ئاناكسىماندروس ۋە ئاناكسىمېنېس قاتارلىق پەيلاسوپلارمۇ يەنە مىلېتۇسلۇق ئىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ مۇتەپەككۇرلار تارىختىكى ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تۇنجى پەلسەپە مەكتىپىنىڭ تۇنجى ۋەكىللىرى ھېسابلىنىدۇ... سىزنىڭمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىنىڭىزدەك، تارىختىكى بۇ تۇنجى پەلسەپە مەكتىپى ئانادولۇنىڭ غەربىدىكى مىلېتۇستا قۇرۇلدى. بۇ مەكتەپ قەدىمكى يۇنان پەلسەپىسىنىڭ تۇنجى مەركىزى دەپ قارىلىدۇ. تالېس، ئاناكىسماندروس ۋە ئاناكسىمېنېس «ئىئونىيە مەكتىپى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان «مىلېتۇس مەكتىپى» نىڭ تەپەككۇر ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەن پەيلاسوپلاردۇر.

سىز پەلسەپەگە قىزىقمىسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىۋاتقان ماتېماتىكىلىق نەزەرىيەلەر ئارقىلىق تالېسنى بىلىشىڭىز مۇمكىن. تالېس سۇنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆلۈك ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ھاياتلىق بېغىشلىغۇچى، ھەر قانداق شەكىلگە كىرىش ئارقىلىق ھەممە يەرگە يېتىپ بارالايدىغان بىر ماددا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۇنى كۆزىتىش بىلەن بىللە، كېلىمات ۋە ئاسماننىمۇ تەتقىق قىلدى. يۇلتۇزلارغا قاراپ يۆنىلىشنى تېپىش، ماگنىتنىڭ تارتىش كۈچى قاتارلىقلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى، چەمبەر ۋە بۇلۇڭ نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇردى. مىلېتۇسلۇق تالېس پەيلاسوپ بولۇش بىلەن بىرگە، ماتېماتىك، ئاسترونوم ۋە «تۇنجى سۇ ئىنژېنېرى» ئىدى.

مىلېتۇس مەكتىپىنىڭ تالېستىن كېيىنكى ئىككىنچى پەيلاسوپى ئاناكىساندروس بولۇپ، ئۇمۇ مىلېتۇسلۇق ئىدى. گەرچە بىز ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولمىساقمۇ، ئەسەرلىرىنى بىلىمىز. چۈنكى، ئاناكسىماندروسنىڭ تالېسقا ئوخشىمايدىغان تەرىپى، ئۇ پىكىرلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇش ئەنئەنىسىگە باشلامچىلىق قىلغان بىر پەيلاسوپ ئىدى. تەبىئەت پەلسەپىچىسى ۋە تەبىئەت تەتقىقاتچىسى بولغان ئاناكسىماندروس، كۆزىتىشلىرىگە ئاساسلىنىپ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باشقىچە ئېيتقاندا، كۆرۈنمەس، تەسەۋۋۇردىكى ئېلېمېنتلارنىڭ ئورنىغا، تەبىئەتنىڭ كۆرۈنىدىغان تەرىپىنى ياقلىدى. ئۇمۇ ھاياتلىقنىڭ سۇدا باشلانغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشنى قوبۇل قىلىپ، بىر چاغلاردا پۈتكۈل جايلارنىڭ سۇ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سۇنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ قۇرۇقلۇقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى؛ سۇدا باشلانغان ھاياتنىڭ قۇرۇقلۇقتا داۋاملاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ قۇياش سائەتىنى كەشپ قىلدى، ئاي ۋە قۇياشنىڭ تۇتۇلۇشى، يەر تەۋرەشنىڭ سەۋەبى قاتارلىقلارنى تەكشۈردى. ئاناكسىماندروسنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، ئۇ دۇنيا خەرىتىسى بىلەن كائىناتنىڭ مودېلىنى ياساپ چىقىشقا ئۇرۇنغان تۇنجى كىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، دۇنيا ئېنى كەڭلىكىدىن چوڭ سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ، ئۇ كائىناتنىڭ مەركىزىدۇر.

مىلېتۇس مەكتىپىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيلاسوپى ئاناكسىمېنېسمۇ مىلېتۇسلۇق ئىدى. ئۇ كائىناتنىڭ ئوخشىمىغان شەكىللەرگە كىرىشى بىلەن ھاسىل بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە تۇنجى بولۇپ ماددا ئۇقۇمى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان پەيلاسوپتۇر. ئاناكسىمېنېس يەنە، كېيىنچە تۆت ئاساسىي ئېلېمېنت دەپ قوبۇل قىلىنغان ھاۋا، سۇ، يەر ۋە ئوتنى تۇنجى بولۇپ تەتقىق قىلغان كىشىدۇر.

* * * * *

مىلېتۇسقا ئانچە يىراق بولمىغان بىر شەھەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئەفەسلىك / ئىئونىيەلىك پەيلاسوپ ھېراكلىت بولۇپ، ئۇ گۇڭگا ۋە تەنقىدىي ئۇسلۇبتا يازىدىغان بولغاچقا، قەدىمكى دەۋردە «قاراڭغۇ ھېراكلىت» دەپ ئاتالغانىدى. ئۇ بۇ ئالەمنىڭ توختىماي ئۆزگىرىش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ پىكىرنى بىز بۈگۈنمۇ ئىستېمال قىلىۋاتقان «بىر ئېرىقتا ئىككى قېتىم يۇيۇنغىلى بولمايدۇ» دېگەن دېگەن جۈملىنى ئىشلىتىپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشى ھېراكلىت ئىدى.

ئەلۋەتتە، مىلېتۇسنىڭ پەيلاسوپلىرى بۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئىئونىيە مەكتىپىدىن كېيىن، مىلېتۇسلۇق لېئۇكىپپوس ۋە دىموكرىتوسمۇ ھەممە نەرسىنىڭ جەۋھىرىنى تەشكىل قىلىدىغان بىرىنچى ئاساسلىق ماددا توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ باردى ۋە  نېگىزلىك دەپ قارالغان تۆت ئامىلنى يەنى ھاۋا، سۇ، يەر ۋە ئوتنى كىچىك بىرلىككە ئايرىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار ماددىنىڭ بەك كىچىك ۋە ئايرىلالمايدىغان زەررىچىلەردىن تەركىب تاپقانلىقى توغرىسىدىكى كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ زەررىچىلەرگە «پارچىلانماس» دېگەن مەنىدىكى «ئاتوم» دېگەن نامنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن، لېيكىپپوس بىلەن دىموكرىتوس نۆۋەتتە «ئاتومشۇناسلار» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئېقىمنى پەيدا قىلدى. ئاتومشۇناسلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، كائىناتتىكى ھەممە نەرسە سەزگۈلەر ھېس قىلالمايدىغان ۋە تېخىمۇ كۆپ پارچىلانمايدىغان كىچىك ئاتوملاردىن تەركىب تاپاتتى. ئاتوم سان - ساناقسىز بولۇپ، ئالەم بوشلۇقىدا ھەرىكەت قىلاتتى. ئاتومشۇناسلار تەخمىنەن 2500 يىل ئىلگىرى ئىلىم - پەنگە يېڭى پىرىنسىپ قوشۇلۇشىنى، يەنى بۈگۈنكى فىزىكىنىڭ ئاساسىنىڭ قويۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

 1800 - يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1900 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ئاتومنىڭ ئەڭ كىچىك زەررىچە ئەمەسلىكى، بەلكى ئاتومنىڭ ئېلېكترون، پروتون ۋە سۇباتوم زەررىچىسى دەپ ئاتىلىدىغان نېيترونلاردىن تەركىب تاپقانلىقى ئىسپاتلاندى. فىزىكا دۇنياسىدىكى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا «ئەجىبا بۇ سۇباتومىيەلىك زەررىچىلەرنىمۇ بۆلۈشكە بولامدۇ؟» دېگەندىن ئىبارەت يېڭى بىر سوئال پەيدا بولدى. فىزىكا ئالىملىرى ناھايىتى قىزىقىش ۋە ھاياجان ئىچىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن تەكشۈرۈشلەر ئۈنۈم بەردى ۋە ئاتومنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ناھايىتى كىچىك پروتون ۋە نېترونلارنىڭمۇ پارچىلانماس ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە ئاتوم دېيىلگەندە، «كۇئارك ۋە لېپتون» تىلغا ئېلىنىدۇ ۋە ھازىر «ئەجىبا، كۇئارك ۋە لېپتونلار پارچىلىنامدۇ ياكى ئۇلاردىنمۇ كىچىك زەررىچىلەرمۇ بارمۇ؟» دىن ئىبارەت فىزىكا ئالىملىرىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان يېڭى بىر سوئال پەيدا بولدى.

* * * * *

ئىنسانلارنىڭ ئىلمىي سەرگۈزەشتىلىرى مىلادىدىن 600 يىل ئىلگىرى بۇ تۇپراقلاردا ماددىنىڭ ماھىيىتىنى تېپىپ ئىزاھلاش ئىستىكى سايىسىدا باشلاندى. يەنە بۇ زېمىنلاردا يېتىشكەن قەدىمكى دەۋرنىڭ تۇنجى پەيلاسوپى تالېس، ئەپسانىلەرگە قارشى مەيداندا تۇرۇپ، تەبىئىي ھادىسىلەرنى كۆزىتىش بىلىملىرى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇندى. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن تەپەككۇر ئەقلىي ۋە ئىلمىي خۇسۇسىيەتكە ئېرىشتى؛ ئەپسانىۋى قاراشلاردىن ۋاز كېچىلدى. بىر – بىرىگە پۈتۈنلەي زىت بولغان بۇ يېڭى كۆز قاراش، ئىنسانلارنىڭ كائىناتنى چۈشىنىشى ئۈچۈن يېڭى نەزەرىيەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ يولىنى ئاچتى.

ئانادولۇ پەيلاسوپلىرى غەربىي ئانادولۇدىكى مىلېتۇس مەكتىپىدە تەبىئەتنى كۆزىتىپ كائىناتنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇندى. شۇڭلاشقا مىلتۇس، ھازىرقى ئىسمى بويىچە ئېيتقاندا ئايدىن ئىلىم - پەننىڭ مەركىزى دېگەن نامنى ئالدى. «ماددىنى تەشكىل قىلغان نەرسە نېمە ۋە ماددىنى ئەڭ كىچىك بۆلەككە پارچىلاش مۇمكىنمۇ؟» دېگەن سوئال بىر سەرگۈزەشتىگە ئايلىنىپ، ئاكتىپ ئىلىم - پەنگە يول ئاچتى. تالېس بىلەن باشلىنىپ لېئۇكىپپوس ئارقىلىق داۋاملاشقان بۇ جەرياندىكى پەيلاسوپلار، پاكىتنى ئاساس قىلىدىغان ئىلىمنىڭ باشلامچىلىرى دەپ قوبۇل قىلىندى. گالىلېي، نيۇتون، ئېينىشتىيىن ۋە باشقا ئالىملارنىڭ تەتقىقاتلىرىنىڭ، نەزەرىيەلىرىنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولدى، يېتەكلىدى، ئانادولۇ پەيلاسوپلىرى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر