مىسىردا مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرىگە ئائىت 110 مازار تېپىلدى

مىسىرنىڭ دېقھالىيە شەھىرىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرىگە ئائىت 110 مازارنىڭ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1630150
مىسىردا مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرىگە ئائىت 110 مازار تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ساياھەت ۋە قەدىمكى دەۋرلەرگە ئائىت يادىكارلىقلار مىنىستىرلىقى، دېقھالىيە شەھىرىدىكى قۇم ئەلقۇلگان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر داۋامىدا 110 مازارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىىنى ئۇقتۇردى.

گۈمبەز شەكىللىك مازارلاردىن 73 ىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000 - 6000  -  يىللاردىن، تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك 37 مازارنىڭ بولسا، مىلادىدىن بۇرۇنقى 1570 - 1782  -  يىللاردىن قالغان يادىكارلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، مازارلاردا ئىنسانلارنىڭ قالدۇقلىرىدىن باشقا، ساپال بۇيۇملار قاتارلىق يادىكارلىقلارنىڭمۇ تېپىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر