«مۇئەللىم» فىلىمى بەش مۇكاپاتقا ئېرىشتى

رېژىسسورلۇقىنى مۇسلىم شاھىن قىلغان «مۇئەللىم» فىلىمى، ئامېرىكا ئالتۇن رەسىم خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى فىلىم» ۋە «ئەڭ ياخشى رېژىىسسور» قاتارلىق بەش مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

1616371
«مۇئەللىم» فىلىمى بەش مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئەللىم فىلىمى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فىرانسىيەدە ئىنژېنېرلىق كەسپىدە ئوقۇغاندىن كېيىن ئانادولۇغا قايتىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىسى ئەلىنىڭ ئىش-ئىزلىرى مەزمۇن قىلىنىدۇ.

فىلىم ئىشلىگۈچى خالىت ئاراباجى قاتناشقان بىرىنچى قېتىملىق خەلقئارالىق فېستىۋالدا ئېرىشكەن نەتىجىلەردىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رېژىسسور مۇسلىم شاھىن: «مۇئەللىم فىلىمى تۈركىيەدە سىياسەتكە، ئىقتىسادقا، مەدەنىيەت ھاياتىمىزغا تەسىر كۆرسەتكەن، بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ ۋەقەلەرگە قارىتا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىغىچە بولغان نۇرغۇن قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسىگە ئايلانغان قۇتۇپلاشقان مەسىلىلەر بايان قىلىنىدۇ» دېدى.

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت بىلەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئىشلىگەن «مۇئەللىم» فىلىمى، تۈركىيەدە كىنو فىلىمى كەسپىدە، ئامېرىكادا رېژىسسورلۇق كەسپىدە ئوقۇغان مۇسلىم شاھىننىڭ تۇنجى كىنو فىلىمى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر