چاناققەلئەدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ

1915-يىلى 18-مارت تۈرك ئەسكىرى نامىنى تارىخقا يەنە بىر قېتىم غەلىبە بىلەن يازدۇرغان كۈندۇر.

1603624
چاناققەلئەدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ
canakkale.jpg
canakkale.jpg
canakkale.jpg
canakkale.jpg
canakkale.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 18-مارت چاناققەلئە زەپىرى تۈرك مىللىتى ئۈچۈن يېڭىدىن مەۋجۇت بولۇش داستانى ئىدى. دۈشمەننىڭ غايەت زور ھەربىي پاراخوتلىرى بىر كۈن ئىچىدە يوق قىلىندى. دېڭىز ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇ كۈن «چاناققەلئەدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆز، گەلىبولۇ يېرىم ئارىلىدىن پۈتكۈل دۇنيانىڭ خاتىرىسىگە مۆھۈر بولۇپ بېسىلدى.

تۈرك ئەسكىرى 1915-يىلى 18-مارت نامىنى تارىخقا يەنە بىر قېتىم غەلىبە بىلەن يازدۇردى. «ئوق ئۆتمەيدۇ» دېگەن ھەربىي ئاپتوموبىللار پاچاقلاپ تاشلاندى، «چۆكمەيدۇ» دېگەن پاراخوتلار بىر-بىرلەپ چاناققەلئە بوغۇزىغا چۆكتۈرۈلدى.

چاناققەلئەگە دۈشمەننىڭ تۇنجى قېتىملىق ھۇجۇمى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىلا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ كۈن 1914-يىلى 3-نويابىر ئىدى.

ئەنگلىيە ھەربىي پاراخوتلىرى بوغۇزنىڭ كىرىش قىسمىدىكى سەددۈلباھىر قەلئەسىنى بومباردىمان قىلدى. بەش ئوفىتسېر، 81 ئەسكەر سەددۈلباھىر قەلئەسىدىكى قورال ئىسكىلاتىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە شېھىت بولدى.

چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى شېھىتلىرى سەددۈلباھىر قەلئەسىنىڭ كىرىش قىسمىنىڭ يېنىغا يەرلىككە قويۇلدى. تۇنجى شېھىتلەر خاتىرە مۇنارى مۇشۇ يەرگە تىكىلدى.

ئەنگلىيەنى ئاساس قىلغان ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ نىشانى ئىستانبۇلنى ئىشغال قىلىش ئىدى.

ئوسمانلى ئارمىيەسى چاناققەلئە بوغۇزىدىكى مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى.

دېڭىز ساھىلىغا پاراخوتلاردىن ئېلىنغان زەمبىرەكلەر قويۇلدى، بوغۇزدا مېنا لىنيەسى بەرپا قىلىندى.

چاناققەلئە بوغۇزىغا دەسلەپتە 19-فېۋرال، ئارىدىن ئالتە كۈن ئۆتكەندە ئىككى دېڭىز ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى. ئانتانتا دۆلەتلىرى ھەر ئىككى ھەرىكەتتە نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. بۇنىڭ بىلەن، دېڭىز قىسمىنىڭ بېشىغا روبېك (Robeck) كەلتۈرۈلدى. 18-مارت ئەتىگەندە كەڭ كۆلەملىك دېڭىز ھەرىكىتى باشلاندى.

نۇسرەت مېنا پاراخوتى ھەرىكەتكە تەييار بولۇپ، 7-مارتنى 8-مارتقا باغلىغان كېچە نۇسرەت ئورناتقان مېنالار 18-مارت كۈنى ئانتانتا دۆلەتلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردى.

ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى زەمبىرەك ئوقلىرىدىن قاچقاندا، مېنالارغا يولۇقتى. فىرانسىيەنىڭ بوۋېت پاراخوتى بىر مېناغا سوقۇلۇپ، ئۈچ مىنۇت ئىچىدە 603 ئەسكىرى بىلەن سۇغا غەرق بولدى.

ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ «ئوكيان» ۋە «تەڭ كەلگىلى بولمايدۇ» دېگەن پاراخوتلىرىمۇ ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولدى. «ئاگەمەمنون»، «ئىنفلېكسىبىل»، «سافرېن» ۋە «گالۇا» پاراخوتلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ، ئۇرۇشقا قاتنىشالمىدى. نەتىجىدە قوماندان روبېك ھەربىي پاراخوتلارنى چېكىنىشكە بۇيرۇق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، مەھمەتچىك 1915-يىلى 18-مارت چاناققەلئە داستانىدىكى تۇنجى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

ئېغىر زەربە يىگەن ئانتانتا دۆلەتلىرى ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە، يەنى 25-ئاپرېلدا قۇرۇقلۇققا ئەسكەر چىقىرىپ، ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولدى.

بۇ قېتىم تارىخ سەھنىسىگە، ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندە مۇستەقىللىق كۈرىشنى باشلايدىغان مۇستاپا كامال چىقتى. ئۇ مەزگىلدە گەلىبولۇدا شېھىت قېنى بىلەن يەنە بىر داستان يېزىلدى.

«چاناققەلئەدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆز، ئاشۇ داستان بىلەن خاتىرىلەرگە مۆھۈر بولۇپ بېسىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر