ئافرىقادا بەزگەك كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ئازالدى

بارسېلونا دۇنيا سەھىيە ئىنىستىتۇتى (ISGlobal) نىڭ تەتقىقاتىدا، يەر شارى تېمپېراتۇراسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ ئارقىغا قايتىشىنىڭ بەزگەك كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

1599289
ئافرىقادا بەزگەك كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ئازالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېفىيوپىيە ئورومىيا ئىشتاتىنىڭ تۆپىلىكلىرىدىكى كېسەللىكلەرنى تەكشۈرگەن تەتقىقاتچىلار، يەر شارى تېمپېراتۇراسىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن 1998 ۋە 2005-يىللىرى ئارىسىدا بەزگەك كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنىڭمۇ ئاستىلىغانلىقىنى بايقىدى.

بەزگەك كېسىلىنىڭ ئىككى تۈرى كۆرۈلگەن ۋە كېسەللىككە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ۋەقەلەر خاتىرىلەنگەن رايوندا، 2004-يىلىغىچە كېسەللىككە قارشى كەڭ كۆلەمدە تەدبىر ئېلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىدىكى ئازىيىشنىڭ بىۋاستە كىلىماتقا مۇناسىۋەتلىك بولۇش مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى.

بارسېلونا دۇنيا سەھىيە ئىنىستىتۇتى كىلىمات ۋە سەھىيە پىروگراممىسىنىڭ باشلىقى شاۋىيېر رودو (Xavier Rodo): «ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ بەزگەك كېسىلىنىڭ تارقىلىشىغا تەسىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھادىسە، كېسەللىك ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىدىكى كۈچلۈك مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

تەتقىقاتتا، بارلىق شەرقىي ئافرىقادا بەزگەك كېسەللىكلىرىدە ئازىيىش كۆرۈلگەنلىكى خاتىرىلىتىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر يىلى 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بەزگەك كېسىلى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر