ئامېرىكالىق ئايال «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» دىن تەسىرلىنىپ مۇسۇلمان بولدى

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ۋىسكونسىن ئىشتاتىدا 60 ياشلىق بىر ئايال «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن تەسىرلىنىپ مۇسۇلمان بولدى.

1578076
ئامېرىكالىق ئايال «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» دىن تەسىرلىنىپ مۇسۇلمان بولدى
müslüman olan abd'li hatice (2).png

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىسكونسىن ئىشتاتىنىڭ كىچىك بىر يېزىسىدا ياشاۋاتقان ئامېرىكالىق خاتىجە، «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئەڭ كۆپ ئەرتۇغرۇل، تۇرغۇت ۋە سەلجان خاتۇن پېرسوناژلىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن.

تارىخىي تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مۇھيىددىن ئىبنى ئەرەبى پېرسوناژىنىڭ دىنىي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىيالوگلىرى، ئامېرىكالىق ئايالنىڭ ھاياتىغا يېڭى بىر مەنىلىك مۇھىتنى قوشقان.

خاتىجە، «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا يۈزلىنىشى ۋە ھەقىقەتلەرنى ئۆگىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تارىخقا بولغان قىزىقىشىم مېنى <تىرىلىش ئەرتۇغرۇل> تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا بەنت قىلىپ قويدى، بەختىمگە يارىشا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈپتىكەنمەن، چۈنكى بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى مېنىڭ نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتى، شۇنىڭ بىلەن، مەن ئىسلام دىنىنى تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.»

ئىسلام دىنى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى ئوقۇغانلىقىنى ئەسكەرتكەن خاتىجە، ھازىرقى نىشانىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تۈركىيەنى كۆرۈش، ھەتتا تۈركىيەگە يەرلىشىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تۈرك تائاملىرىنىڭ تەمىنى تېتىشقا سەل قارىمايدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان ۋە تاماق ئېتىش ئۇسۇللىرىغا قاراپ، بىر قىسىم تۈرك تائاملىرىنى ئېتىشنى سىناپ باققانلىقىنى  بايان قىلغا خاتىجە، بوۋىسىنىڭ نورۋېگىيەدىن ئامېرىكاغا كەلگەنلىكىنى، يېقىندا DNA تەكشۈرتكەنلىكىنى ۋە يىلتىزلىرىدا بىرئاز بولسىمۇ تۈرك ئىزى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر