لېيدى گاگا جو بايدىننىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا ناخشا ئېيتىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان جو بايدىننىڭ 20-يانۋار (2021) دىكى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا، لېيدى گاگا (Lady Gaga) بىلەن جېننىفېر لوپېز (Jennifer Lopez) كونسېرت بېرىدۇ.

1564301
لېيدى گاگا جو بايدىننىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا ناخشا ئېيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىننىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا، لېيدى گاگا دۆلەت مارشىنى ئوقۇيدۇ، جېننىفېر لوپېز كونسېرت بېرىدۇ.

قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋە 6-يانۋار يۈز بەرگەن كونگرەگە بېسىپ كىرىپ ۋەقەسىنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن، چەكلىك ساندىكى كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئامېرىكالىق داڭلىق ئاكتىيور توم خانكس (Tom Hanks) رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇراسىمدا، جون بون جوۋى (Jon Bon Jovi)، جاستىن تىمبېرلېيىك (Justin Timberlake) ۋە دېمى لوۋاتو (Demi Lovato) لارمۇ ناخشا ئېيتىدۇ.

بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يۇقىرى چەككە چىقىرىلغان پايتەخت ۋاشىنگتوندا، 20-يانۋار 20 مىڭ خەۋپسىزلىك خادىمى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر