ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ياغجىبەدىر گىلىمى ساكاريادا قايتىدىن توقۇلۇشقا باشلاندى

ساكارىيا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچۈپ كەلگەن يۆرۈكلەر (كۆچمەن تۈركلەر) توقۇغان ياغجىبەدىر گىلىمى ئەنئەنىسىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى باشلىدى.

1553760
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ياغجىبەدىر گىلىمى ساكاريادا قايتىدىن توقۇلۇشقا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچۈپ كەلگەن يۆرۈكلەر تەرىپىدىن بالىكەسىرنىڭ سېندېرگى ناھىيەسىدە توقۇلغان تەخمىنەن 3500 يىللىق تارىخقا ئىگە ياغجىبەدىر گىلىمىنىڭ ھازىرقى ماكانى سېندېرگى شەھىرىدۇر.

تويلۇقلار قاتارىغا قويۇلىدىغان ۋە توقۇش تېخنىكىسى ئانىدىن قىزىغا ئۆتىدىغان ياغجىبەدىر گىلىمى، يۆرۈكلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سەنئەت ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.

% 100 قوي يۇڭىدىن توقۇلىدىغان ۋە تەبىئىيلىكى بىلەن كۆزلەرنى  قاماشتۇرىدىغان گىلەملەر، بىر كىۋادرات سانتىمېتىرىدىكى 35 ئايلانما يىپى بىلەن ئۇزۇن يىللار بويى چىدايدۇ.

يىپلىرى تەبىئىي يىلتىز بوياقلىرى بىلەن بويىلىدىغان بولغاچقا، گىلەمنىڭ رەڭلىرى ئەسلى ھالىتىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالالايدۇ؛ بۇمۇ بۇ گىلەمنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر