ي ت ب خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يۈزلەرچە لايىھەنى ئەمەلىيلەشتۈردى

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى-ي ت ب تۈركىيەدە ئوقۇپ دۆلىتىگە قايتقان ۋە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇش، تەتقىقاتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ئوقۇش ۋە ئىقتىسادىي پىروگراممىلارنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

1547961
ي ت ب خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يۈزلەرچە لايىھەنى ئەمەلىيلەشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى-ي ت ب  (YTB)تۈركىيەدە ئوقۇپ دۆلىتىگە قايتقان ياكى ھازىرمۇ تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇش ۋە تەتقىقاتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن، ئوقۇش ۋە ئىقتىسادىي ياردەم پىروگراممىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

ي ت ب نىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان پىروگراممىلار بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇغان ياكى ئوقۇۋاتقان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت لايىھەلىرىنى قوللاش، ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  مەزگىلىدە ئاكادېمىك، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتلارغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن ھەر خىل ياردەم پىروگراممىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن.

ياردەم پىروگراممىلىرى بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر قۇرغان جەمئىيەتلەر ئۈچۈن 54 لايىھە ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولسا، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سودا-سانائەت دۇنياسى بىلەن ئۇچرىشىشى، تىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە تۈرك مەدەنىيىتى بىلەن بولغان رىشتىلىرىنى كۈچەيتىشى ئۈچۈن نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

ئوقۇش ۋە سودا-سانائەت ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار ئۈچۈن تۈركىيە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر مۇكاپاتى تەسىس قىلىندى. تۈركىيە بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك سودا مۇناسىۋەتلىرىگە ھەسسە قوشقان چەت ئەل شىركەتلىرىدە باشقۇرغۇچى ئورنىغا ئىگە بولغان تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر، تۈركىيە سودا-سانائەتچىلىرى بىلەن تېلېۋىزىيە يىغىنى شەكلىدە ئۇچراشتۇرۇلدى ۋە ۋابادىن كېيىنكى دۇنيا ئىقتىسادى توغرىسىدا مۇھاكىمىلەر يۈرگۈزۈلدى.

تۈركىيە ئۇنىۋېرستېتلىرىدا ئاخىرقى يىللىقلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش لايھەلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ تۈركىيە تاشقى سودىسىغا قوشقان تۆھپىسى باش تېما قىلىنغان «تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ تۈركىيە تاشقى سودا ھەجىمىگە قوشقان تۆھپىسى» ناملىق دوكلات تەييارلاندى.

ي ت ب تۈركىيەدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا «تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىنى تونۇتۇش ۋەزىپىسى» نىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇنىۋېرستېتلاردا ئوقۇش پۈتتۈرگەن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى توغرىسىدا تەتقىقات دوكلاتى تەييارلىدى.

دوكلاتتا، تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ %72 نىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئالتە ئىچىدە خىزمەت تاپقانلىقى، %93 نىڭ تۈركىيە شىركەتلىرى بىلەن سودا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىجابىي قارايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋابا مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئارىسىدا، ماقالە، لايىھە ۋە دوكلات تەييارلاش مۇسابىقىلىرىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

«ۋابادىن كېيىنكى دۇنيا» تېمىلىق مۇسابىقىگە، خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار يۈزلەرچە ئەسەر قاتناشتۇردى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر