ئۇغۇر شاھىن بىلەن ئۆزلەم تۈرەجى كۆچمەنلەرنىڭ ئۈلگىسى بولدى

خەلقئارا كۆچ تەشكىلاتى (IOM) نىڭ 111-نۆۋەتلىك كېڭەش يىغىنىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) غا قارشى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياسىغان گېرمانىيەلىك تۈرك ئالىملاردىن ئۇغۇر شاھىن ۋە ئۆزلەم تۈرەجىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈلگە كۆرسىتىلدى.

1533909
ئۇغۇر شاھىن بىلەن ئۆزلەم تۈرەجى كۆچمەنلەرنىڭ ئۈلگىسى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت كۆچ تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى ئانتونىيو ۋىتورىنو (AntonioVitorino) تەشكىلاتنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كشىنى ئەڭ ئۈمىدلەندۈرىدىغان ۋاكسىنالاردىن بىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئالىملاردىن ئىككىسىنىڭ تۈركىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ بالىلىرى بولۇشىنىڭ، كۆچنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ھەممە كىشىگە ئارتۇقچىلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇغۇر شاھىن 1965-يىلى تۈركىيە ئىسكەندېرۇندا تۇغۇلغان بولۇپ، تۆت يېشىدا ئانىسى ئۇنى ئېلىپ  گېرمانىيەدە فورد فابرىكاسىدا ئىشلەيدىغان دادىسىنىڭ يېنىغا، يەنى كۆلنغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ تىببىي كەسىپتە ئوقۇغاندىن كېيىن، راك كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ 2019-يىلى قولغا كەلتۈرگەن تەتقىقات نەتىجىسى، گېرمانىيە راك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

ئۇغۇر شاھىننىڭ ئايالى دوكتور ئۆزلەم تۈرەجى ئىستانبۇلدىن گېرمانىيەگە كۆچكەن دوختۇر ئائىلىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ھامبۇرگدىكى سائارلاند ئۇنىۋېرستېتىدا ئۇغۇر شاھىن بىلەن تونۇشقان.

گېرمانىيەدە بىيو تېخنولوگىيە شىركىتى «بىئونتېك» ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋاكسىنا ئۈنۈمىنىڭ %95 كە يەتكەنلىكىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن، شىركەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان تۈركىيەلىك كۆچمەن بالىلىرى پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن ۋە ئايالى دوكتور ئۆزلەم تۈرەجى، ئىنسانىيەتكە ئۈمىد بېغىشلىغان مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر