گېرمانىيەدە جامە ئەتراپىغا ئىسلام دۈشمەنلىكى مەزمۇن قىلىنغان خەتلەر يېزىپ قويۇلدى.

گېرمانىيەدىكى دىنىي ئىشلار  تۈرك - ئىسلام بىرلىكىگە قاراشلىق  «‹ھەزرىتى ئۆمەر› جامەسى» نىڭ ئۇدۇلىدىكى يورۇتۇش تۈۋرۈكىگە  ئىسلام دۈشمەنلىكى مەزمۇن قىلىنغان خەتلەر يېزىپ قويۇلدى.

1531846
گېرمانىيەدە جامە ئەتراپىغا ئىسلام دۈشمەنلىكى مەزمۇن قىلىنغان خەتلەر يېزىپ قويۇلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بادېن-ۋورتتمبېرگ ئىشتاتىنىڭ سۇلز ئام نېككار رايونىدا، بىر جامە جايلاشقان كوچىنىڭ يورۇتۇش تۈۋرۈكىگە، ئىرقچىلىق ئىپادىلىرىدىن سىرت يەنە، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا ھاقارەتلىك خەتلەر يېزىلغان قەغەزلەر چاپلاندى.

دىنىي ئىشلار  تۈرك - ئىسلام بىرلىكىگە قاراشلىق  «‹ھەزرىتى ئۆمەر› جامەسى» نىڭ ئۇدۇلىدىكى يورۇتۇش تۈۋرۈكىگە  چاپلانغان قەغەزلەردە، مۇسۇلمانلارغا قارشى، «گېرمانىيە گېرمانلارنىڭدۇر»، «چەت ئەللىكلەر يوقىلىڭلار» دېگەندەك قەبىھ سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

دىنىي ئىشلار  تۈرك - ئىسلام بىرلىكىگە قاراشلىق  «‹ھەزرىتى ئۆمەر› جامەسى» جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئەلى ئىپەكچىئوغلۇ، جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭدىن 35 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغانلىقىنى، ھازىرغىچە بۇنداق ئىشنىڭ باشلىرىغا كەلمىگەنلىكىنى، بۇ ۋەقەنىڭ ئۆزلىرىنى تولىمۇ رەنجىتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ساقچىلار ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر