ياشلار يالغۇزلۇقنى ئەڭ ئېغىر ھېس قىلىدىكەن

يالغۇزلۇقنىڭ 20 ياشلاردا ئەڭ يۇقىرى چەكتە، 60 ياشلاردا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە ھېس قىلىنىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

1526351
ياشلار يالغۇزلۇقنى ئەڭ ئېغىر ھېس قىلىدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «News Medical Life Sciences» تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكادىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرستېتى سانتىياگو تىببىي فاكۇلتېتى ئوخشىمىغان ياش گۇرۇپپىلىرىدا يالغۇزلۇققا سەۋەب بولغان پىسخولوگىيەلىك ۋە مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنى تەتقىق قىلغان. تەتقىقاتقا، 20 ياش بىلەن 69 ياش ئارىسىدا 2 مىڭ 843 كىشى ئىشتىراك قىلغان. تەتقىقات نەتىجىلىرى «Journal of Clinical Psychiatry» ژۇرنىلىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان.

تەتقىقات نەتىجىسىدە، يالغۇزلۇق سەۋىيەسىنىڭ 20 ياشلاردا ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدىغانلىقى، 60 ياشلاردا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشىدىغانلىقى ۋە 40 ياشلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە يۇقىرىلاشقا باشلايدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

مۇتەخەسسىسلەر، ئاز ھېسداشلىق ۋە شەپقەتنىڭ ئاز-كۆپلۈكى، تار ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى، ھەمراھى بولماسلىق ۋە ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئامىللارنىڭ بارلىق ياش گۇرۇپپىلىرىدىكى يالغۇزلۇقنىڭ كۆرسەتكۈچلىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

ئىجىتمائىي جەھەتتىكى كەمچىللىك ۋە كۆپ قايغۇرۇش 60 ياشنىڭ سىرتىدىكى باشقا ياش گۇرۇپپىلىرىدا، يالغۇزلۇقنى ھېس قىلىشنىڭ يۇقىرىلىشىغا سەۋەب بولىدىكەن.

تەتقىقاتتا، 20 ياشلاردا كىشىلەر جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئورۇنغا ۋە ھەمراھ تېپىشقا تىرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېغىر بېسىم ھېس قىلىدىغانلىقى، 40 ياشلاردا يۇقىرى قان بېسىمى ۋە دىيابېت قاتارلىق تەن سالامەتلىكى مەسىلىلىرىگە دۇچار بولۇشقا باشلايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر