گېرمانىيەدە بىر جامەگە تەھدىت خېتى يوللاندى

گېرمانىيەنىڭ بادېن-ۋۇرتېمبېرگ ئۆلكىسىنىڭ ھۇفېنگېن رايونىدىكى بىر جامەگە پوچتا ئارقىلىق ئىسلام دۈشمەنلىكى مەزمۇن قىلىنغان تەھدىت خېتى يوللاندى.

1523533
گېرمانىيەدە بىر جامەگە تەھدىت خېتى يوللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىنىي ئىشلار تۈرك-ئىسلام بىرلىكى قارمىقىدىكى «مەسجىدى ئەقسا  جامەسى» گە پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن خەتتە، «ئىسلام نە گېرمانىيەگە، نە ياۋروپاغا تەۋە ئەمەس»، «بىز گېرمانىيەدىكى ئىسلام ۋە ئىسلامچىلارنى يوقىتىمىز» دېگەندەك ئىبارىلەر ئورۇن ئالدى.

دىنىي ئىشلار تۈرك-ئىسلام بىرلىكى «مەسجىدى ئەقسا  جامەسى» جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھاقان تاشدەمىرنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇفېنگېن رايونىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ۋىللىنگېن شىۋېننىڭېندىن تامغا بېسىلىپ پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن خەت ھەققىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا مەلۇمات بېرىلگەن، ساقچىلار ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

فىرانسىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى نەنتېس شەھىرىدە بولسا، تۈركلەرگە تەۋە بىر دۇكان ئىرقچىلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

دۇكاننىڭ تېمىغا، ئىسلام ۋە تۈركىيەگە قارشى خەتلەر يېزىپ قويۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر