نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئامېرىكالىق ئىقتىسادشۇناسلار ئېرىشتى

2020-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى ئامېرىكالىق ئىقتىسادشۇناسلاردىن پاۋۇل ر.مىلگروم (PaulR. Milgrom) بىلەن روبېرت ب.ۋىلسون (Robert B. Wilson) غا لايىق كۆرۈلدى.

1507623
نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئامېرىكالىق ئىقتىسادشۇناسلار ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاۋۇل ر.مىلگروم بىلەن روبېرت ب.ۋىلسون «كىمئارتۇق سودىسى نەزەرىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى كىمئارتۇق سودىسى فورماتىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى» ئۈچۈن ئالفرېد نوبېل (Alfred Nobel) نى خاتىرىلەش مەقسىتىدە بېرىلگەن شىۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان «سۋېرگېس رىكسبانكس ئىقتىساد پەنلىرى مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر