تۈركىيە لىۋانغىمۇ ياردەم قولىنى سوزدى

تۈركىيە لىۋان خەلقىنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ياردەم خىزمەتلىرىنى باشلىدى.

1467661
تۈركىيە لىۋانغىمۇ ياردەم قولىنى سوزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھامى ئاكسوي لىۋاندا تۈنۈگۈن (2020-يىلى 4-ئاۋغۇست) يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ لىۋان خەلقىنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ياردەم خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھامى ئاكسوي يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ لىۋانغا قىلىدىغان ياردەملىرىگە مۇناسىۋەتلىك يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقى بىلەن ياردەم خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «سەھىيە مىنىستىرلىقى، تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى بىلەن قىزىلئاي جەمئىيىتى ئارقىلىق رايونغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى ھەمدە سەھىيە خادىملىرىنى ئەۋەتىۋاتىدۇ. سەھرا دوختۇرخانىلىرى قۇرۇش پىلان قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دورا ۋە تىببىي لازىمەتلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىددىي ئېھتىياجلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىلىۋاتىدۇ. دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت لىۋانغا بۇ قىيىن كۈنلەردىن زىچ ھەمكارلىق ئىچىدە بالدۇرراق ئۆتۈپ كېتىشى ئۈمىدىدە ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر