ئاياسوفيا جامەسىدە تۇنجى قۇربان ھيېت نامىزى ئوقۇلدى

ئارىدىن 86 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاياسوفيا جامەسىدە تۇنجى قۇربان ھيېت نامىزى ئوقۇلدى.

1464959
ئاياسوفيا جامەسىدە تۇنجى قۇربان ھيېت نامىزى ئوقۇلدى
ayasofya namaz2.jpg
ayasofya namaz1.jpg
ayasofya namaz.jpg
cami namaz.jpg

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە ۋە ئىسلام دۇنياسىدا ئۇدا 4 كۈن داۋاملىشىدىغان قۇربان ھيېتنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا باشلاندى.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئەلى ئەرباشنىڭ ئىمامەتچىلىكىدە ئاياسوفيا جامەسىدە ئوقۇلغان قۇربان ھيېت نامىزىنى،  جامەنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىنى تولدۇرغان مىڭلارچە كىشىدىن تەشكىل تاپقان جامائەت، ئىجتىمائىي مۇساپە ۋە تازىلىق بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا ئادا قىلدى.

ئەرباش، قۇربان ھيېت خۇتبىسىدە مۇنداق دېدى: «ھېيتىمىزنىڭ ھۇزۇرىدىن ھەممىمىز بىرلىكتە بەھرىمەن بولايلى. بىراق، كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ، بۇ قىممەتلىك كۈنلەرنى قايغۇ – ھەسرەتكە ئايلاندۇرۇۋەتمەيلى. ماسكا تاقاش ۋە بىخەتەر ئىجتىمائىي مۇساپە بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلايلى. ھېيت كۈنلىرىدە ۋە يۇقۇم مەزگىلىدە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشنى توختىتىپ قويايلى. جانابىي ئاللاھ ھەممىمىزنى تۈرلۈك بالايىئاپەتلەردىن ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن، ئۇرۇش ۋە ئازاب – ئوقۇبەتلەردىن خالاس قىلغاي، سان – ساناقسىز بەرىكەتلىك بايراملار بىلەن ئۇچرىشىشقا نېسىپ قىلغاي. ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى، ئىكرامى ۋە ئىنايىتى ھەممىمىزگە بولسۇن. قۇربان ھيېتىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر