نېيوۋايز قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى مالاتيا ئاسمىنىدا كۆرۈندى
ئامېرىكا ئالەم ئىدارىسى-ناسا (NASA) تەرىپىدىن بايقالغان نېيوۋايز (Neowise) قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز، تۈركىيەنىڭ مالاتيا ۋىلايىتىدە ئوچۇق كۆرۈندى.
1456135
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2020 -يىلى مارت ئېيىدا بايقالغان ۋە ئىسمى «نېيوۋايز» دېگەن تېلېسكوپتىن كەلگەن قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز، مالاتيا ئاسمىنىدا كۆرۈندى.
چارەك ئەسىر ئىچىدە شىمالىي يېرىم شاردا كۆزىتىلگەن ئەڭ پارلاق قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز بولغان نېيوۋايزنى، مۇشۇ ئاي (2020-يىلى ئىيۇل) نىڭ ئاخىرىغىچە ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ.