تۈرك بايرىقى دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل بايرىقى تەكشۈرۈشىدە بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۈرك بايرىقى دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل بايرىقى تەكشۈرۈشىدە بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1441385
تۈرك بايرىقى دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل بايرىقى تەكشۈرۈشىدە بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىسپانىيەنىڭ يۇقىرى تىراژلىق بىر گېزىتىنىڭ «دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل بايرىقى» تېمىلىق ئەلرايىنى سىناش تەكشۈرۈشىدە تۈرك بايرىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

4 – ئايدا ئىسپانىيەنىڭ يۇقىرى تىراژلىق تەنتەربىيە گېزىتلىرىنىڭ بىرى «دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل بايرىقى قايسى؟» دېگەن تېمىدا ئەلرايى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تۈركىيە بايرىقى 49100 بېلەت بىلەن بىرىنچى قاتاردىن ، ئىسپانىيە 18800 بېلەت بىلەن ئىككىنچى قاتاردىن ، ئامېرىكا بايرىقى 6700 بىلەن ئۈچىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.

تۈرك بايرىقى ھازىرقى ھالىتىگە ئەڭ يېقىن شەكلى بىلەن تۇنجى قېتىم 18- ئەسىردە ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. بۇ بايراقنى دە تۇنجى قېتىم ئەڭ يېقىن شەكىلدە ئىشلىتىلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ بايراقتىكى 8 بۈرجەكلىك يۇلتۇز غەلبىگە سىمۋوللۇق قىلىدىغان بولۇپ ، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ غەلىبە بىلەن تولغان ئۆتمۈشى كۆزدە تۇتۇپ ئىشلىتىلگەنىكەن. 1884 – يىلى چىقىرىلغان تۈرك بايرىقىدىكى سەككىز بۈرجەكلىك يۇلتۇز، ئىنسانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان بەش يۇلتۇزلۇق ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن.

بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، تۈرك بايرىقىدىكى ھىلال ئاي ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلسا، بەزىلەرنىڭ قارىشىچە ، كونا تۈرك ئېتىقادى بولغان «ئاسمان ئىلاھى» ئەقىدىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ يۇلتۇزنىڭ بولسا، مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. بۇ مەنىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن بىرلىكتە، تۈرك بايرىقى تۈركىيە چېگراسى ئىچىدە ياشايۋاتقان ھەرخىل ئېتىقاد ۋە ئېتنىك ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە مىليونلىغان كىشىلەرنى قۇچاقلىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر