تۈركىيەنىڭ بىردىنبىر شاھمات مۇزېيىنىڭ ئەنقەرەدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۈركىيەنىڭ تۇنجى ۋە بىردىنبىر شاھمات مۇزېيى» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1437049
تۈركىيەنىڭ بىردىنبىر شاھمات مۇزېيىنىڭ ئەنقەرەدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەنىڭ تۇنجى شۇنداقلا بىردىنبىر شاھمات مۇزېيىنىڭ ئەنقەرەدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

دۇنيادا «ئويۇنلار شاھى» ياكى «شاھلار ئويۇنى» دەپ ئاتىلىدىغان شاھمات، ئەنقەرەدە مەخسۇس بىر مۇزېيىدا تونۇتۇلماقتا. تۈركىيەنىڭمۇ تۇنجى شاھمات مۇزېيى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان بۇ ماكاندا، شاھمات كوماندىلىرى 4 ئاساسىي تېما بويىچە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

يىغىپ ساقلىغۇچى ئاكىن گۆكياي تەرىپىدىن قۇرۇلغان شاھمات مۇزېيى، ئەنقەرە قەلئەسىدىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بىر كونا ئەنقەرە ئۆيى بولۇپ، ئۇ يەردە، گۆكياينىڭ 1975 – يىلى يىغىشقا باشلىغان شاھمات ئويۇنلىرىغا دائىر ھەرخىل مەدەنىيەتلەر، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق، كۈلتۈر خىللمۇخىللىقى قاتارلىقلار كۆرگىلى بولىدۇ. 2012 – يىلى جىننېس رېكورتلار كىتابىغا كىرگەن مۇزېيىدىكى شاھماتلار، ماداغاسقاردىن بولىۋېيەگىچە، فىرانسىيەدىن قازاقىستانغىچە، ئامېرىكادىن رۇسىيەگىچە بولغان يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتىن ئېلىپ كېلىنگەن. نۆۋەتتە 700 شاھمات تۈرىگە يەتكەن مۇزېيىدا بالىلارغا خاس ھاررىي پوتتېر، ئاستېرىكس ۋە شىرىنلەر دېگەندەك تېماتىك شاھماتلارمۇ بار.

مۇزيېدا يەنە سۆھبەت، ناخشا – مۇزىكا دېگەندەك ھەرخىل سەنئەت پائالىيەتلىرىمۇ ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر