مارس ئاتموسفېراسىدا يېشىل نۇر بايقالدى

ياۋروپا ئالەم ئىدارىسى (ESA) نىڭ ئىز قوغلاش سۈنئىي ھەمراھى مارس ئاتموسفېراسىدا زۇمرەتتەك يېشىل نۇرنىڭ تارقالغانلىقىنى بايقىدى.

1437189
مارس ئاتموسفېراسىدا يېشىل نۇر بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Space.com» تور بېتىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، سۈنئىي ھەمراھنىڭ بايقىشىنى خاتىرىلىگەن بېلگىيە ليېگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسترونومى ژان كلاۋد گېرارد (Jean-Claude Gerard)، يەرشارىنىڭ قاراڭغۇ قىسمىدا ئاتموسفېرادا كۆرۈلگەن ئوكسىگېن ئاتوملىرىنىڭ بەلگىلىك نۇر دولقۇنىنى تارقىتىشىدىن پەيدا بولغانلىقى پەرەز قىلىنغان يېشىل نۇرنى، يەرشارىنىڭ سىرتىدا تۇنجى قېتىم كۆزەتكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

گېرارد يېشىل نۇر تارقىتىشنىڭ ئوكسىگېن مولېكۇلاسىنىڭ خاراكتېرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «شىمال نۇرلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان ئارورالارنىڭمۇ قۇياشتىن تارقالغان ئېلېكتر زەررىچىلىرىنىڭ ئاتموسفېرانىڭ يۇقىرى قەۋەتلىرىدىكى مولېكۇلالارغا سوقۇلغاندا شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گېرارد ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ مۆلچەرىچە، مارستىكى نۇرنىڭ پىلانېتا ئاتموسفېراسىنىڭ %95 نى تەشكىل قىلىدىغان كاربون تۆت ئوكسىد گازىنىڭ ئاتموسفېرانىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتلىرىدە پارچىلىنىشى ۋە كاربون ئوكسىد ھەمدە ئوكسىگېن بولۇپ ئايرىلىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر