بۈگۈن دۇنيا مۇھىت كۈنىدە 10 خەلق باغچىسى ئېچىلىدۇ

مۇھىت ۋە شەھەر باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن قۇرۇلۇشى ئاخىرلاشقان 10 خەلق باغچىسى، بۈگۈن (5-ئىيۇن) دۇنيا مۇھىت كۈنىدە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا مۇراسىم بىلەن ئېچىلىدۇ.

1430024
بۈگۈن دۇنيا مۇھىت كۈنىدە 10 خەلق باغچىسى ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 5 -ئىيۇن دۇنيا مۇھىت كۈنىدە، ئەنقەرە ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزى خەلق باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم بىلەن تەڭ، ئىستانبۇل پەندىك ۋە ھالكالى، ساكاريا، سامسۇن، سىۋاس، دىيارباكىر، ترابزون، باتمان، بۇرسا ۋە ئەلازىغلاردا قۇرۇلۇشى ئاخىرلاشقان 10 خەلق باغچىسى ئېچىلىدۇ.

مۇھىت ۋە شەھەر باشقۇرۇش مىنىستىرى مۇرات كۇرۇم تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ۋىدېئودا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا، 81 ۋىلايەتتە 81 مىليون كىۋادراتمېتىر خەلق باغچىسى ئېچىش نىشانىغا قاراپ قەتئىيلىك بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100-يىلىغا، 2023-يىلىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ۋاقتىمىزدا، دۆلىتىمىزنىڭ سىمۋوللۇق لايىھەلىرىدىن بىرى بولغان خەلق باغچىلىرىمىز، 1000 يىللىق شەھەرچىلىك ئەنئەنىمىزنىڭ ئەكس ئېتىشى، تەبىئەت بىلەن شەھەرلىرىمىزنى ۋە كىشىلىرىمىزنى ئۇچراشتۇرىدىغان كۆۋرۈككە ئايلىنىدۇ» دېدى.

ئىستانبۇلدا ئېچىلىدىغان 285 مىڭ كىۋادراتمېتىر كېلىدىغان پەندىك خەلق باغچىسىدا، 11 مىڭ 245 مېتىرلىق ۋېلىسپىت يولى، 5 مىڭ 410 مېتىرلىق پىيادە يولى، 4 مىڭ 784 تۈپ دەرەخ، 31 مىڭ 066 چالى ۋە ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر بار.

ھالكالى خەلق باغچىسىنىڭ چوڭلۇقى 98 مىڭ كىۋادراتمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، 1600 مېتىرلىق ۋېلىسپىت يولى، 3 مىڭ 680 مېتىرلىق پىيادە يولى، 4 مىڭ 483 تۈپ دەرەخ، 103 مىڭ 506 چالى ۋە ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر بار.

ھالكالى خەلق باغچىسىدا يەنە، 180 كىشى ناماز ئوقۇيالايدىغان جامە ۋە ئوخشىمىغان چوڭلۇقتىكى كۆل ھەمدە سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرى بار.

يېڭى ئېچىلىدىغان باغچىلار بىلەن ئىستانبۇلدىكى خەلق باغچىلىرىنىڭ سانى توققۇزغا چىقىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر